تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمىلى»دىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش

− ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى قاراغاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ شىخې

  ئاپتوموبىل ئالتاي شەھەر رايونىدىن چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئالتاي شەھىرى بالباغاي يېزىسىنىڭ قاراغاش كەنتىگە كەلدى. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ تۇپراقتا، ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قاراغاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پائال ئىزدىنىپ، «قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمىلى»دىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاممىنى رازى قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

   خەلققە خىزمەت قىلىشتا «قوشۇش ئەمىلى»دىن پايدىلىنىش

  «ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ يوللىرى توپىلىق يول ئىدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆتسە توپا - چاڭ كۆتۈرۈلەتتى، يامغۇر ياغسىلا يوللار پۈتۈنلەي پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. ھازىر ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، بەكلا پاكىز بولۇپ كەتتى.» 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سەھەردە، كەنت ئاھالىسى گۈلجاي مىرزابېك ئادىتى بويىچە ئىشىكى ئالدىدىكى يولنى سۈپۈرۈۋاتاتتى.

  گۈلجاينى رازى قىلغىنى پەقەت قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىلا ئەمەس. قاراغاش كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت، 2017- يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك تۈرلەر بويىچە قوللاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يوللارنى قاتتىقلاشتۇردى، قورۇ تاملىرىنى ئاقارتتى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرىنى ئورناتتى... كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

  قاراغاش كەنتى ئۈچ تەۋەلىك رايوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تەۋەلىك رايوننىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ، ئامما تارقاق ئولتۇراقلاشقان. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش»نى باش تېما قىلىپ، سىياسەتنى يەتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى يەتكۈزۈش، ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەتنى يەتكۈزۈش، ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت «بەشنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ يەنە مەخسۇس كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن خەلققە قولايلىق يارىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنتنى يېشىللاشتۇرۇش، مۇھىتنى ئاسراش، تازىلىقنى تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرگە دائىملىق ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى. كەنتتە يەنە خەلققە قولايلىق يارىتىش QQ توپىدا ۋە ئۈندىدار توپىدا مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، توردا ئامما مەسلىھەت سورىغان ئىشلارغا جاۋاب بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى سەمىمىي مۇلازىمەتنى ھېس قىلدۇردى.

   مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا «ئېلىش ئەمىلى»دىن پايدىلىنىش

  «بۇ بىرقانچە كۈندە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ، كۈندۈزى قارلار ئېرىپ، يوللار سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كەچتە تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەنلەپ يوللار مۇز توڭلاپ كېتىدۇ، كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرىگە يىقىلىپ يارىلىنىشنىڭ ۋە ئاپتوموبىللار كونتروللۇقىنى يوقىتىپ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويۇڭلار» دېدى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى ئەتىگەندە قاراغاش كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ چيۇشېڭ ئەتىگەنلىك يىغىندا تاپىلاپ.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى بىخ خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، تەھلىل قىلىپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ قاراتمىلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى ۋە زىددىيەت - ماجىرا يۈز بېرىشنى ھەقىقىي ئازايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئەھۋالى ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ھەل قىلىپ بەردى.

  كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 51 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيلىرى مەكتەپتىن بىرقەدەر يىراق بولغاچقا، چۈشتە ئۆيلىرىگە قايتالمايتتى، ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تامىقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئاتا - ئانىلىرى غەم قىلاتتى.

  بۇنىڭغا قارىتا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، پىلان تۈزۈپ خامچوت ھېسابلاپ، تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئورۇنغا دوكلات قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئىزدەپ مەبلەغ توپلاپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى، مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن كېڭەشتى. ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق 2017- يىلى 3- ئايدا، بۇ 51 نەپەر ئوقۇغۇچى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان چۈشلۈك تاماق ۋە كارىۋاتقا ئېرىشتى.

   كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا «كۆپەيتىش ئەمىلى»دىن پايدىلىنىش

  «يىلدا بىر ئۆزگىرىشنى، ئۈچ يىلدا چوڭ ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش»، بۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بەرگەن ۋەدە.

  قاراغاش كەنتى كالا، ئات باقمىچىلىقى چوڭ كەنتى، سۈت كۆپ چىقىدىغان مەزگىلدە، كەنتتە ھەر كۈنى ئالتە توننىغا يېقىن يېڭى سۈت چىقاتتى، ئەمما زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، سۈتنى يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولمايتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەتراپتىكى سۈت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاراغاش كەنتىدە سۈتنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا سېتىۋېلىش پونكىتىدىن بىرى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۈت سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  «ھويلا - ئاران ئىگىلىكىگە سېلىنما ئاز كېتىدۇ، ئۈنۈمى يۇقىرى». ليۇ چيۇشېڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلىدىن بۇيان، قاراغاش كەنتىدە «ئۈچ مو قۇرۇلۇشى» ئاساس قىلىنغان ھويلا - ئاران ئىگىلىكى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جەمئىي 1000 تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك كۆچەت تىكىشىگە، 20 نەچچە مو يەرگە پەسىللىك كۆكتات تېرىشىغا، 3000دىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشىغا ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى.

  قاراغاش كەنتى ئالتاي ۋوگزالىغا بىرقەدەر يېقىن، يېقىنقى ئىككى يىلدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ساياھەت مۇلازىمىتى، ئاشپەزلىك ۋە تازىلىق قىلىش قاتارلىقلار بويىچە جەمئىي 34 تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىسىنى 2300 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق 58 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، 30 نەچچە كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىگىلىك تىكلىدى.

  «ھېلىمۇ ياخشى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ليۇ زۇڭفۇ مىننەتدارلىق بىلەن.

   مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتا «بۆلۈش ئەمىلى»دىن پايدىلىنىش

  «ئىلگىرى قەرز پۇل ئىلتىماس قىلغاندىن تارتىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگىچە، مەن يېزىغا بىرنەچچە قېتىم قاترايتتىم، بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالە كومىتېتىدىلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرگىلى بولىدۇ». 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى جاقان خەنجەرقان سۈت كالىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنىڭ رەسمىيىتىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ تۈگەتتى.

  كەنت ئاھالىلىرى ئىش بېجىرگەندە، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپلىگەن تارماق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كەنتلەرگىچە ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك بازىدا «توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت»نى بەرپا قىلىپ، «ئاددىي ئىشلارنى دەرھال بېجىرىش، مۇھىم، زور ئىشلارنى ئىز قوغلاپ بېجىرىش، چىگىش ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بېجىرىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاممىنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا قاترايدىغان» قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش ۋە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرىش تەرتىپى ھەم كونكرېت مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە بىر - بىرلەپ تارقىتىپ بەردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىن چىقمايلا يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ھەمدە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، داۋالىنىش بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، ئېغىر كېسەل بويىچە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك كەسىپنى ئىلتىماس قىلالايدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى