1.باھار قۇياشى كۆتۈرۈلۈپ تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلىگەندە، كالىنىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەسى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كالا يەنە كېسەللىكلەر بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئەتىيازدا باقمىچىلار قوتانلارنى دەل ۋاقتىدا تازىلاپ، تەگلىك ئوت-چۆپلەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ ئەتىيازلىق ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم كالا قوتىنىنىڭ ئىچىگە ھاك چېچىش ئارقىلىق نەملىكنى سۈمۈرۈپ، دېزىنفىكسىيەلىشى كېرەك.
2.ئەتىيازدا ئوت-چۆپلەر يېڭى، يۇمران، ئوزۇقلۇق ماددىلار ئەڭ تولۇق بولغاچقا، كالا ئۆت-چۆپلەرنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەۋېلىپ، ئاسانلا كۆپ بولۇپ قالىدۇ، ئوتلىتىپ بېقىلىدىغان كالىلارغا كېچىدە بىر قېتىم يەم بېرىش، مۇۋاپىق مىقداردا بوغۇز بېرىش، ئىچىدىغان سۈيى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. ئوتلىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئازراق يەم-خەشەك بېرىپ كالىلارنىڭ يېشىل ئوت-چۆپلەرنى يېگەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. قوتاندا بېقىلىدىغان كالىلارغا يىمەكلىك تەڭشىگەندە ئۇلارغا ئالتە ئۈلۈش يۇمشاق ئوت-چۆپ بېرىپ تويغۇزغاندىن كېيىن ئارىلاشما يەم-خەشەك بېرىش كېرەك.
3.ئەتىيازدا يامغۇر يېغىپ ھاۋا نەملەشكەندە يەم-خەشەكنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىلوسلىمىغان يەم-خەشەكنى يېيىپ ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. ئۇنى كالىغا بىۋاسىتە بېرىشكە بولمايدۇ، ئالدى بىلەن سۇدا چايقاپ چىرىندىلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن بېرىش كېرەك.