تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەك بالدۇر بەرمەسلىك كېرەك

  ئۆپكە ياللۇغى، قان ئازلىق، راخىت كېسىلى، ئىچى سۈرۈش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تۆت چوڭ كېسەللىك، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قان ئازلىق بىلەن راخىت كېسىلى، ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بېقىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەييۈەن شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساغلاملىقى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋاڭ يۈتىڭ مۇنداق دېدى: قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى  سۇيۇقتىن قويۇقلاشتۇرۇش، (سۇيۇقلۇق-بوتقا، گۈرۈچ سۈيى-شىفەن، مېۋە -چېۋە، كۆكتات-گۆش)، ئازدىن كۆپەيتىش، يۇمشاقتىن يىرىكلەشتۈرۈش، بىر خىلدىن تەدرىجىي كۆپ خىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە قوشۇش كېرەك.

  ۋاڭ يۈتىڭ «بەك بالدۇر قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش، بوۋاقلارغا زىيانلىق» دەپ ئەسكەرتتى. 3 ئايلىقنىڭ ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ دانلىق زىرائەتلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى مۇكەممەللەشمىگەن، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى يۇمران، ھەزىم قىلىش بەزلىرى تەرەققىي قىلمىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەك بالدۇر قوشقاندا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىپ بولالمىغان يېمەكلىك قالدۇقى قورساقتا «ئېچىپ»، قورسىقى كۆپۈش، ئىچى قېتىپ قېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، تەرەت كۆپ كېلىپ ئاخىرىدا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى فىتىك كىسلاتاسى ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىپ چۆكمە بولۇپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ سىڭىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدىكەن. بوۋاقلار گۈرۈچ قاينىقى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ تويۇپ قالسا، ئانا سۈتىنى ئىمىش مىقدارى ئازلاپ، ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى بارا-بارا ئازىيىپ كېتىدىكەن.

  بوۋاقلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ تويغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟ ۋاڭ يۈتىڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى تۆت نۇقتا ئارقىلىق كۆزەتسە بولىدۇ: 1. ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاق، كۈندە ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ؛ 2.بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى نورمال بولغاندا كۈندە ئىككى قېتىم، ئالتۇن رەڭلىك ئۇماچ ھالەتتە بولىدۇ؛ 3.بوۋاقلار ئىمىپ بولغاندىن كېيىن، تىنىچ ئۇخلايدۇ ياكى يىغلاپ جىدەل قىلماي ئوينايدۇ؛ 4. بوۋاق ئاستا-ئاستا سەمىرىپ، ھەر ئايدا ئېغىرلىقى 500-1000گىرامغىچە ئاشىدۇ.      

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى