چىڭسەينىڭ يىلتىزى سېسىغاندا يوپۇرماق ساپىقىنىڭ ئاساسى يېرىلىپ، ئاندىن يۇمشاپ سېسىپ كېتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماق ساپىقىدا سۇلۇق داغ پەيدا بولىدۇ، كېسەللىك دېغى كىڭىيىپ، يۇمشاپ سېسىغاندىن كېيىن، سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. كېسەل تەگكەن تۈپلەرنىڭ سىرتقى يوپۇرمىقى قورۇلۇپ، سارغىيىپ قالىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەدبىرى: تۈپلەرنى بېكىتىشتىن بۇرۇن تۇپراقنى دېزىنفىكسىيە قىلىش كېرەك، تۈپلەرنى بېكىتىشتىن بۇرۇن ھەر مو يەرگە پېڭشادىن 2-3كىلوگرامچە بېرىپ، ئاساسىي ئوغۇت قىلىش، ئۆسۈش مەزگىلىدە شىنگاۋجىموغا %0.2 پېڭشا ئېرىتمىسى قوشۇپ پۈركۈش كېرەك،گېنشىتۇڭ + خۇشۇ جياڭجۈن بىلەن يىلتىزىنى دەل ۋاقتىدا سۇغارغاندا كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى تارتىپ چىقارغىلى بولىدۇ، خۇشۇ جياڭجۈن بىلەن دىزىنفىكسىيە قىلغاندا يىلتىزدىكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ تارقىلىش ۋە يوپۇرماقلارغا يۇقىشىنى توسۇغىلى بولۇپلا قالماي يەنە تۈپلەردىكى توشۇش سىستېمىسىنىڭ ساغلام خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.