تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى

  شىنخۇا ئاگېنلتىقى، ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى. نامراتلىقنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەخسۇس مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ مايىللىقىنى ئاشۇرۇپ، «يۇمشاق، قاتتىق دېتال»لارنىڭ دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى، نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مەبلەغ بىلەن دەل جايىدا يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مائارىپىدىكى «يېتەرسىزلىك» لەرنى «تولۇقلاش» ئۈچۈن، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە(شەھەر)گە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 3 مىليارد 720 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق مائارىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يۇقىرى دائىرىدە ئومۇملاشقان، قاتتىق، يۇمشاق دىتاللارنىڭ دەرىجىسى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلگەن، ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100 كە، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.89كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %98.60كە، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98.6كە يەتكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ بېقىش، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەبلەغ بىلەن دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلارغا داۋاملىشىشىنى توسقان، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك پىلانلارنىڭ نۇقتىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى «يېتەرسىزلىك»نى تولۇقلاپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى