2. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى بار بىمارلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئەڭ جەلىپكار مىجەز تىپى. ئۇلار باشقىلارغا ئۇتۇق قازانغان كىشىلەردەك تەسىر بېرىدۇ، شېرىن-شېكەر گەپلەر بىلەن سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئېرىشىدۇ. سىزگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر ياققا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇلاردا سۆيۈش ئىقتىدارى كەمچىل، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى بار ئەرلەردە ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: ئۆزىنى قالتىس چاغلىغان بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ نەتىجە قازىنالمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دەپ قارىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ھالدا مۇۋەپپەقىيەت، ھوقۇق، قابىلىيەت، گۈزەل تۇرق ياكى كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببەتكە ئېرىشىش خام خىيالىنى قىلىدۇ. ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنى ئالاھىدە دەپ قاراپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى ئادەملەرنىلا ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. دىققەت نۇقتىسى بولۇشقا ئىنتىزار بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ياكى ماختىشىغا موھتاج بولىدۇ. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، باشقىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش، ھېسسداشلىق قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ياكى ئېھتىياجىنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدۇ ياكى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەسەتخورلۇق خاراكتېرى كۈچلۈك، دائىم باشقىلارغا ھەسەت قىلىدۇ ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە ھەسەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ھاكاۋۇر، ئۆزىنى يۇقىرى چاغلايدۇ، ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدۇ.
3. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپىدىكى خاراكتېر توسالغۇسى. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپىدىكى خاراكتېر يەنە ئۆزىنى قاچۇرۇش تىپىدىكى خاراكتېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، رىقابەتكە يۈزلەنگەندە ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ ياكى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: جەمئىيەتكە ماسلىشالمايدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلايدۇ، ئۆزىدىن باشقىلارغا ئىشەنمەيدۇ، باشقىلارغا بېقىنمايدۇ. قورقۇنچاق، باشقىلار بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىپ ئازار يەپ قېلىشتىن قورقىدۇ. كەيپىياتى چۈشكۈن، باشقىلار بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. روھى ھالىتى پاسسىپ، ئۆزى ھەم ھەمراھىغا بولغان قارىشى پاسسىپ. ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، ئۆزىنى ھەمراھىغا ماس كەلمەيمەن دەپ قارايدۇ. گۇمانخور، ھەمراھىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنمەيدۇ. ئېتىبارسىز قارايدۇ، ھەمراھى بىلەن ھېسسىياتى يىراقلاشقاندا، دائىم ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىنكار قىلىدۇ.
كونىلار: «توغرا ئادەمگە يولۇققاندا، كۈندە بايرام؛ خاتا ئادەمگە يولۇققاندا، كۈندە يىغا-زار» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مۇھەببەتكە كەلگەندە چوقۇم ئەستايىدىللىق بولغاندا، ئاندىن توغرا ئادەمنى تاللىغىلى بولىدۇ.
خەلق تورىدىن ئېلىندى