3-ئاينىڭ 27-كۈنى، موزامبىكنىڭ بېلا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ داۋالاش خادىملىرى بىر كىچىك بالىنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈ): موزامبىكقا بېرىپ خەلقئارالىق قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە كۈچلۈك تروپىك بەلباغ سىكلونى «ئىداي»نىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان موزامبىكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سوفارا ئۆلكىسىدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئىككى كۈندىن بېرى، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى، سوفارا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بېللا رايونىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تارماق ئەترەت ئەۋەتىپ، شەھەرنىڭ چەت رايونلىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى ھەمدە بۇزى دەريا ۋادىسىدا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، موزامبىكنىڭ بېلا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ داۋالاش خادىملىرى بىر كىچىك بالىنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، موزامبىكنىڭ بېلا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ داۋالاش خادىملىرى بىر بالىنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرمەكتە.
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ