تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ كادىرلار خىزمىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم نەتىجىسى، يېڭى دەۋردە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى تۈزۈم كاپالىتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات كادىرلار تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆلچەمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي سادىقلىق، سىياسىي ئىرادە، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سىياسىي ئىقتىدار، سىياسىيدا تەلەپچان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولغان، غايە - ئېتىقادى چىڭ بولغان، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، «تۆت ئىشەنچ»ى قەتئىي بولغان، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغان كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ چىقىپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. توغرا، ئىلمىي ئادەم تاللاپ، ئادەم ئىشلىتىپ، كادىرلارنى ھەرتەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئو شەكىلدە تەكشۈرۈپ، نامزاتنىڭ ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىق ئىپادىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يەر - ھەر يەردىن بولۇش، ئەخلاق - پەزىلىتىگە قاراپ، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەم بىلەن ئىش مۇۋاپىق كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى باھالاش، تۈرگە ئايرىپ باھالاش، يېقىن ئارىلىقتىن باھالاشتەك ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، ئىلمىيلىشىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ئادەم بىلەن ئىش مۇۋاپىق كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزامدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ، ئۆلچەم، تەرتىپ، ئۇسۇل بويىچە ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە قاتتىق بولۇپ، باھالاش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشتە قاتتىق بولۇپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە قاتتىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە قاتتىق بولۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ پاك، ساپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىزامنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، نىزامنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى قىلىپ، پىرىنسىپ بويىچە ئىش بېجىرىش، تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرىش، تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.