شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۈيى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىدە بايقالغان ۋە ئېلان قىلنغان 101 تۈرلۈك مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ھەممىسى تەلەپ بويىچە تۈزىتىلگەن، شىنجاڭنىڭ سۇ مەنبەسى مۇھىتى مەسىلىسىنى تۈزەش خىزمىتى باسقۇچ خاراكتىرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى شى جىنپىڭنىڭ ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكېرت ھەرىكىتى قىلىپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئالدى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت ئىشتىراك قىلىشتەك خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى؛ بۇ مەخسۇس ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى قاتارىغا قويۇپ، نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسىنى ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاست بازارلىرىغا نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى ھەم يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ مۇھىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپنى يوقاتتى.
كىيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداشنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مىڭ توننا، ئونمىڭ ئادەم»سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈزەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى مەزگىللىك تۈزەش مەسىلىسىنىڭ قايتلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلىدۇ.