تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، تاغ - دالىلار گۈزەللىككە تولىدۇ. جىمى مەۋجۇدات يېڭى قىياپەتكە كىرگەن پەسىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ 2019- يىللىق تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە، جۇڭگونىڭ ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئۈچ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئوخشاشلا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارلىرى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2019- يىللىق تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە، ئۈچ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان خەرىتىسىنى سىزىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئوچۇق روھىي ھالەت ۋە ئەڭ زور ئىستەك بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا سىجىل سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭىدىن دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2019- يىللىق تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتەك سەمىمىي ئىستىكىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، قورۇقچىلىققا ۋە بىر تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇش ئورتاق مەيدانى توغرىسىدا ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئورتاق رىئايە قىلىش جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا ئىشلار ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلىدى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئورتاق خىرىس ۋە خەۋپكە دۇچ كەلگەنسېرى، تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، يىراقنى كۆرەرلىك نەزەرى بىلەن ئورتاق ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئۇل تاش قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىغا ھۆرمەت قىلىش، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»غا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردا كۆپ تەرەپچىلىككە ئەمەل قىلىشتا ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  سودا قائىدىسىگە ئورتاق رىئايە قىلىش جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، يەرشارىۋىلىشىشقا قارشى ئىدىيە ئېقىمى باش كۆتۈرۈپ قالدى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىدىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشتا ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، پۇختا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداش كېرەك. سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان، ئاشكارا، باراۋەر، كەمسىتىش بولمىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ۋە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەپەككۇر بىلەن، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ساھەسىدە تېخىمۇ قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشقا موھتاج. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە زورىيىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  يېڭى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» كۈنسېرى كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتتى؛ جۇڭگو تەرەپ موناكو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى؛ فىرانسىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە كېڭىشىپ بېكىتكەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەم ئۈچىنچى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى بارغانسېرى چوڭ ياساپ، ئورتاق گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ياۋروپا خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا پايدىلىق.

  يېقىملىق باھار ساداسى دوستلۇق دىل كۈيىنىڭ ئەۋجى، ھەمكارلىقنىڭ ياڭراق سىمفونىيەسى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى كۆزلەش، تىنچ تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇش، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل ئىستىقبالنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى