تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى تۇمشۇق شەھىرى 44- تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن خۈي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساس خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دىققەت قىلىپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان سىياسەتلەرنى كۆزلەش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، تۇمشۇق، ئىلى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۆپ مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئەھۋال سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئېشىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پائال تۆھپە قوشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەلرايى−ئەڭ چوڭ سىياسىي. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتە. مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ھوقۇق، مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش بىلەن بىللە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، «ئىتتىپاقلىق−تەنقىد−ئىتتىپاقلىق» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش بىلەن نامراتلارنى ئىستېمال ئارقىلىق يۆلەشنى ياخشى تۇتۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىق، ساياھەتچىلىك، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «مۇقىملاشتۇرغۇچ». ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننى ئىسلاھ قىلىش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننى جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ۋاڭ ياڭ يەنە قىسمەن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاست، ناھىيەلەردىكى سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن لىگاڭ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى جۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو ۋېن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ھەمراھ بولدى. ياكى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ياكى سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى