تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدىكى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە يۈزبەرگەن «21- مارت» پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدىكى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە يۈزبەرگەن «21- مارت» پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ھەقىقىي ياخشى يولغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرسلىك، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەردانىلىك بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، كۈچلۈك تىرىكى، پۇختا مەزمۇت كۈچى ۋە مۇھىم ئاساسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، مۇھەببىتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى يېڭى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەلەپچان بولۇشتا قاتتىق، پەزىلىتى دۇرۇس بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم قارالما قاتارىغا قويۇپ، پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ماس ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى مۇقىم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقىنى، بىر پۈتۈنلۈكىنى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە يۈزبەرگەن «21- مارت» پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم، ئىناق مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.