تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز ئىككى يىلدا 1453 قېتىم قاتنىدى

جەمئىي 2 مىليون 520 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت لياڭ يەننى خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 11دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان T9526/7 قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ تۇغقىنى مەمتىمىن توختىروزى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لەيشىن ناھايىتى خۇشال بولدى.

  شۇ كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز قاتنىغانلىقىغا ئىككى يىل بولغان كۈن ئىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز جەمئىي 1453 قېتىم قاتناپ، 2 مىليون 520 مىڭ 900 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى. ھەر قېتىملىق تۇغقان يوقلاش سەپىرى ئىككى جايدا تۇرۇۋاتقان، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى تۇغقانلار ئارىسىدا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى.

  ليۇ لەيشىن كۆپ قېتىم مۇشۇ يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇپ گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ مەمتىمىن توختىروزى ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. «بۇ پويىز مەن بىلەن تۇغقىنىم ئارىسىدىكى ئارىلىقنى قىسقارتىپ، بىزنىڭ قەلبىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، مېھرىمىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى».

  14- نومۇرلۇق ۋاگوندا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى، تۆمۈريول بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق رىشتىسىنى ئورنىتايلى» دېگەن پىلاكات ئېگىز ئېسىلغان، گۈل، شار، دېرىزە قىيىق گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن ۋاگون خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز قاتنىغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتتى.

  پويىز ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، قاتار ۋاگونلار خۇشال كۈلكە سادالىرىغا تولغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە زىيانلىق جانلىقلارنى كونترول قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇڭسەي ئۆزىنىڭ چامادانىنى ئاچتى، ئىچىدە يېڭى سېتىۋالغان كىيىم - كېچەك، قەنت - گېزەك دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. ياڭ خۇڭسەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ مەن تۇغقىنىمغا تاللىغان سوۋغاتلار، 1- ئايدا بازار ئارىلىغىنىمدا بىر يۈرۈش كىيىمنىڭ تۇغقىنىمنىڭ بالىسىغا بەك مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال سېتىۋالغانىدىم».

  پويىز باشلىقى مېھرىبان ھېيت دائىم ۋاگونلارنى ئارىلاپ، يولۇچىلاردىن قانداق مۇلازىمەت كېرەكلىكىنى سوراپ تۇرىدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى «قوش تىل» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش، «تۇغۇلغان كۈن مۇلازىمىتى» قىلىش، «كۆچمە زەرەتلەش پونكىتى» قۇرۇش، «بىر كىۋادرات مېتىرلىق ئانا مېھرى بۆلمىسى» تەسىس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق «كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش، ئازادە بولۇش، ئىللىق بولۇش، ئەستايىدىل بولۇش، خاتىرجەم بولۇش»تىن ئىبارەت «بەش بولۇش» مۇلازىمىتى بىلەن يولۇچىلارغا ئىناق، ئىللىق مۇھىت ھازىرلاپ بەردى.

  غىزالىنىش ۋاگونىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى ۋە مەھسۇلات سېتىش ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ كۆرگەزمە تاختىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلاتتى، كۆرگەزمە تاختىسىغا «سېتىلىدىغان ئۈچ توننا ياڭاق بار» «سېتىلىدىغان ماتاڭ بار» «ئورگانىك كۆكتات سېتىلىدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغانىدى. «قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان خادىملار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، بىز ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئارىسىدا بەزىلىرىنىڭ ياڭاق، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ باشقا تۈردىكى ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى توپلاپ كۆرگەزمە تاختىسىغا يېزىپ قويدۇق» دېدى مېھرىبان ھېيت.

  يولۇچى لوۋ چياڭ غىزالىنىش ۋاگونىدىكى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۇچۇردا قالدۇرۇلغان كەنت ئاھالىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ياڭاق سېتىۋالماقچى بولدى. «ھەربىر كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئائىلىمىزدىكىلەرگىمۇ ياڭاق لازىم بولغاچقا، كەنت ئاھالىسىدىن ئازراق ياڭاق سېتىۋېلىشنى قارار قىلدىم» دېدى لوۋ چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى