3-ئاينىڭ 25-كۈنى، مودېللار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەنبو مۇكاپاتى. 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ياش لايىھىلىگۈچى مودا كىيىم ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» گە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلىرىنى نامايەن قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر چېن جيەنلى): شۇ كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ 2019-2020-يىللىق كۈزلۈك ۋە قىشلىق يۈرۈشلۈكلىرى مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلاندى. بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە يۈز مەيدانغا يېقىن مودا كىيىم ئېلان قىلىش، مەخسۇس مۇسابىقە ھەمدە مودا مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تەكلىپلىك مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەنبو مۇكاپاتى. 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ياش لايىھىلىگۈچى مودا كىيىم ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقاتماقتا.