تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەلپىن ناھىيەسى: كىچىككىنە لازا مايسىلىرىدىن بېيىشنىڭ يېڭى ئۈمىدلىرى تۇغۇلدى

  ‏3-ئاينىڭ 24-كۈنى، لازا مايسىلىرىنى ئالغان گەزلىك بازىرى تۆۋەنكى ‏قاشئېرىق كەنتى ئاھالىسى ئەكبەر مىجىت سەھەردىلا كەنت ئېغىزى ئەتراپىغا قۇرۇلغان تېرىقچىلىق بازىسىدىكى ئۆزىنىڭ لاپىسىغا بېرىپ ئورەك كولاش،  كۆكتات مايسىسىنى سېلىش، توپا تىندۇرۇش، ‏سۇغۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ‏كەتتى. ‏‎

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان لازىنى سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئاساسىدا، 107 ئائىلىلىك نامرات كەنت ئاھالىسىگە 20 مىڭ تۈپ لازا مايسىسى تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. ‎

  «يۇرتداشلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇلتۇر بىز كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈش، پىلانلاش ئارقىلىق، 12 مىڭ تۈپ لازا مايسىسى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بەردۇق، ئۇلار سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى، 8-ئايدا لازىلارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېسابلىساق، سىناق تەرىقىسىدە تېرىغان ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى كىرىمىنى 500 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرۇپتۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىلھاملاندى. بۇ يىل لازا تېرىشنى ئىلتىماس قىلغان دېھقان ئائىلىلىرى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى. بىز ئەلا سورتنى كىرگۈزۈش، بىر تۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ تېرىشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، كەنتتىكى ھەر بىر نامرات ئاھالىگە قارىتا ياردەم بېرىش پىلانى بېكىتىپ، بەلگىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نامرات ئائىلىلەر بىلەن لازا تېرىش، سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، <شىركەت+ھەمكارلىق كوپېراتىپى+نامرات ئاھالە> دىن ئىبارەت تېرىقچىلىق، تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى، يولداش جاڭ ۋېي. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن پېڭ ۋۇخۇا تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى