تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى

«ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلەش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيا چىڭ، لى داۋجۇڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ

  «ئىشلەمچىلىك بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكىلەرنىڭ تەقدىرىنىمۇ تۇيدۇرماستىن ئۆزگەرتتى».

  «بىز ھەممىمىز تىرىشىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

  «يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، ئىدىيەمدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە كەلدىم».

  نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق نامراتلارنى روھىي جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش داۋامىدا، نامرات ئاممىنىڭ روھى، ئېڭى ۋە ئىدىيەسىنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى.

  سىرتقا چىقىش     كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىش

  «قاراڭلار بۇ پارچە سۈرەتكە، مەن بۇلتۇر يازدا ئېرىم بىلەن نەنچاڭدا چۈشكەن.» 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى كانچى ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايىمنىسا قۇتپىدىن يان تېلېفونىدىكى سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللىرىغا تونۇشتۇردى.

  2017- يىلى 9- ئايدا، ئايىمنىسا ۋە ئېرى ئوسمان ئەزىز يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغانىدى. «شۇ ۋاقىتتا، بىز پەقەت سىناپ بېقىش ئويىدا بولغان، بۇ قېتىمقى ئىشلەمچىلىكنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكىلەرنىڭ تەقدىرىنىمۇ تۇيدۇرماستىن ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ئويلىماپتىمىز» دېدى ئوسمان.

  نەنچاڭدا ئىشلەمچىلىك قىلغان 16 ئايدا، ئوسمان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن چىقىمىدىن باشقا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئامانەت قويدى. ئىشلەمچىلىك ئارقىلىق ئۇلار پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.

  ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئوسمان بىلەن خوتۇنى ئىشنى پۇختا، ئەستايىدىل ئىشلىدى، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتتى، ئوسمان ناھايىتى تېزلا ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن بەنجاڭلىققا ئۆستى. بۇ قېتىم ئۆيىگە تۇغقان يوقلاشقا كەلگەندە، شىركەت دىرېكتورى ئۇنىڭغا يەنە بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ ئىشلەشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى. «ھېچكىم مېنى بۇنداق ئەتىۋارلاپ باقمىغان، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم» دېدى ئوسمان.

  «ئاكا، بۇ قېتىم نەنچاڭغا بارغاندا چوقۇم مېنى ئېلىۋالغىن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئامىنە ئەلى ئوسماننى كۆرسىلا جېكىلەپ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاكام ئىلگىرى بىزنىڭ كەنتتىكى <نامرات يىگىت> ئىدى، بىر يىل كۆرمىسەم، شۇنداق روھلىنىپ كېتىپتۇ، نەزەر دائىرىسىمۇ ئېچىلىپ كېتىپتۇ».

  كەنتتە ئامىنە بىلەن ئوخشاش قاراشتىكى ياشلاردىن يەنە 16سى بار. كانچى ئېرىق كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئەمەر ئادىلبېك مۇنداق دېدى: ئوسماننىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنىڭ تەسىرى بەك زور بولدى، 2017- يىلى، كەنت بويىچە پەقەت تۆت كىشى نەنچاڭغا ئىشلەمچىلىككە بارغانىدى. 2018- يىلى، ئوسماننىڭ تۈرتكىسىدە كەنتتىكى 18 كىشى نەنچاڭغا ئىشلەمچىلىككە باردى. بۇ يىل كۆپىيىپ 34 كىشىگە يەتتى.

  ھۈنەر ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇش     ماھارەت ئىگىلەپ كاللىنى بېيىتىش

  «مەن كەنتتىكى دۇفۇخانىدا ئىشلەپ، ھەر ئايدا 1500 يۈەن پۇل تاپالايمەن» دېدى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى گۈزە توغراق كەنتىدىكى دۇفۇخانىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى مەمۇرەم تۇرغۇن مۇخبىرغا.

  بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن مەمۇرەم كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، تېخنىكىسى بولمىغانلىقتىن پەقەت سىرتقا چىقىپ كۈنلۈك ئىشلەيتتى، كىرىمى ئىنتايىن تۇراقسىز ئىدى.

  بۇلتۇر 5- ئايدا، جۇڭگو نېفىتى قاراماي نېفىت - خىمىيە شىركىتىدىن گۈزە توغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى نيۇ چۈنگېنىڭ ياردىمىدە، مەمۇرەم دۇفۇ تەييارلاش تېخنىكىسى ئۆگىنىشنى باشلىدى. كەنت دۇفۇخانىنى ئورۇن ۋە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىدى، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دۇفۇخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. خېرىدارلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۇفۇخانا دۇفۇ پىششىقلاشتىن سىرت، يەنە دۇفۇ قېقى، فۇجۇ قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى تەييارلىدى. ھازىر، ھەر ئايدىكى سەككىز توننا مۇقىم زاكازدىن سىرت، ھەر بازار كۈنىدە يەنە نەچچە يۈز كىلوگىرامدىن ئارتۇق سېتىلىدۇ.

  «بىز ھەممىمىز تىرىشىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىرجۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى مەمۇرەم.

  گۈزە توغراق كەنتىدىكى دۇفۇخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، كەنتتە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى ئۈچۈن قىلىنغان سىناق ئىدى. گۈزە توغراق كەنتىدىن سېرىق پۇرچاق چىقىدۇ، تېرىلغۇ كۆلىمى 1300 موغا يېتىدۇ. ھازىر، زاۋۇت ئۆيى پۈتۈپ، ئۈسكۈنىلەرمۇ قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. كەنتتە زاۋۇت قۇرۇلۇپ ئىشچى قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىسى بەس - بەستە تىزىملاتتى.

  «بىز كەسىپ تۈرىنى دەل جايىدا تېپىشنى نامرات ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەنتتىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتۇق» دېدى نيۇ چۈنگې.

  كىچىك ھويلا - ئاران     كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش

  3- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدىكى دېھقان جىمىلەك رېشىت قوي قوتىنىدا ئالدىراش ئىدى. بۇلتۇر، بوشاشماي تىرىشىپ جىمىلەك قوي سېتىپ 30 مىڭ يۈەن پۇل تېپىپ نامرات ئائىلە «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى قوي 40تىن ئاشتى.

  «ئەڭ دەسلەپتە خىزمەت ئەترىتى ئىككى پاقلان بەردى، يەنە كېلىشىم ئىمزالىدۇق. پاقلانلار چوڭ بولغاندىن كېيىن يەنە قوزىلىدى، بۇ ۋاقىتتا نامراتلارنى يۆلەش تۈرى چۈشۈپ، ئائىلىمىزدە يەنە بەش ساغلىق كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى يەنە ئۆيىمىزگە كېلىپ بىزنىڭ قوي سېتىشىمىزغا ياردەم بەردى. باقمىچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن خۇشاللىقىمدىن نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدىم» دېدى جىمىلەك.

  جىمىلەك ئائىلىسىدىكى يەتتە ئادەم 13 مو يەردىن قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2015- يىلى، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كەنتتىكى تەشۋىق قىلىنىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  جىمىلەك مۇنداق دېدى: «دەل يېقىنقى نەچچە يىلدا ئىدىيەمدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە كەلدىم.» ھېچنەرسىسى بولماسلىقتىن كەنتتىكى داڭلىق باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، جىمىلەكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە روھى كۆتۈرۈلۈپ، غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

  بۇ يىل، جىمىلەك بانكىدىن قەرز ئېلىپ تېخىمۇ كۆپ كالا، قوي سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى ھەم ھويلىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى