تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ۋەكىللەر، كادىرلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى مەمەت گايىت

  ئائىلەمدىكىلەر ئاتا - بوۋىمىزدىن تارتىپ ئاقسۇدا ياشاپ كەلگەن، مەن كىچىكىمدىن ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىللە چوڭ بولدۇم، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، يۇرتۇمنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن ئۇلۇغ پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇشى، زور تەرەققىياتى بولمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا بېسىشىمنىڭ تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندىم. مەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن گۈللەنگەن، باي - قۇدرەتلىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىمەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىمەن، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرىمەن، مۇقىملىقنى قوغدايمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەپ، پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئائىت تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت دېگەن قائىدىنى تەشۋىق قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلايمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى قەدىرلەشكە، مەڭگۈ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش نىشاننى زىممەمگە ئېلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. باشتىن - ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدەمنى بىردەك ئالىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي تۇرىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى