تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئەدلىيەلىك باھالاش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى تۆۋەن شۇما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شىرئەلى ساۋۇت

  مەن يۇرتۇمنىڭ قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىش، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردۈم. پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە مەن قەدەممۇقەدەم پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭدىم، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم.

  ھازىر، ھەر مىللەت خەلق ئىناق، خۇشال - خۇرام ئۆتۈپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، تۇرمۇشى بەختلىك، قانائەتلىنەرلىك ئۆتمەكتە. يېنىمدىكىلەرگە قاراڭ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلار، قوشنىلار ئارا خۇددى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتمەكتە، چوڭلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئېچىلىپ - يېيىلىپ پاراڭلاشسا، بالىلار يىغىلىپ بىرلىكتە ئويۇن ئوينىماقتا، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە پارلىغان كۈلكە كۆز ئالدىمىزدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا، بالىلارنىڭ كۈمۈش قوڭغۇراقتەك كۈلكە ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا. گۈزەل شىنجاڭغا قاراڭ، ھەممە يەردە مېۋىلەرنىڭ پۇرىقى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى تۆت ئەتراپقا تارالغان بولۇپ، ھەممە يەردە لەرزان، يېقىملىق گۈزەل مېلودىيە ياڭرىماقتا. بازار مىغ - مىغ ئادەملەرگە تولۇپ، كەچلىك بازار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىماقتا. بۇ بىر تولىمۇ ئىناق، گۈزەل بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ياشايدىغان گۈزەل كارتىنا!

  2017- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى تۆۋەن شۇما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۆۋەن شۇما كەنتىگە كېلىپ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجىلىقنى ئۈستۈمگە ئالدىم. تۈپ - تۈپ ياڭاقلار، تۇتاش بۇغدايلىقلار، سەمىمىي پۇقرا ئىستىلى، ئاددىي تىل، كۈلكە پارلىغان چىرايلار چىن ۋە يېقىملىق ئىدى. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» يوشۇرۇنچە رەزىل قۇۋلۇق - شۇملۇق بىلەن شۇغۇللاندى، بىر قىسىم كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچى» بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىۋېلىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن زىممەمدىكى بۇرچۇمنىڭ، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن قەتئىي ھالدا سىياسىي مەيدانىمنى ئىپادىلەپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، مەردانە سۆز - ھەرىكىتىم بىلەن قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك ھەرىكىتىم بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادەمنى بىلدۈرىمەن. مەن قەلبىم، مېھرىم، كۈچۈم بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ ياخشى ئەلرايى ئالاقىچىسى، مۇلازىمەت ئىش بېجىرگۈچىسى، سىياسەت تەشۋىقاتچىسى، مۇقىملىقنى قوغداش جەڭچىسى بولىمەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ياڭراتقۇچىسى بولىمەن، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قەلب كۆۋرۈكى بولىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىم بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى