تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شادىمان ئۇستاز - شاگىرت

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

  3- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، نائىلە ھەسەنجان تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولۇپلا، ئۈرۈمچى شەھىرى چىفاڭ كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى توپلاشقان رايوندىكى شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىرنەچچە كۈەيبەن نومۇرىنى مەشىق قىلدى. مو شىڭۋېينى كۆرۈپلا، نائىلە ياڭراق ئاۋازدا: «ياخشىمۇ سىز ئۇستاز!» دەپ سالام بەردى.

  نائىلە بۇ يىل 14 ياشتا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مو شىڭۋېي بۇ يىل 41 ياشتا بولۇپ، شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا نائىلەنىڭ ئەلنەغمە ئۇستازى.

  نائىلە بىلەن مو شىڭۋېينىڭ مۇناسىۋىتىنى 2015- يىلى نائىلە قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىغا ئوخشاپ قېلىشنى خالىمىغانلىقتىن، نائىلە ئۆزگىچە تەييارلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن كۈەيبەن قوشىقى ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنى تونۇشتۇردى. كېيىن مۇسابىقىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، نائىلە مو شىڭۋېي بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

  مو شىڭۋېينىڭ يېتەكچىلىكىدە، نائىلە كۈەيبەن قوشىقى ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بۇ ئەلنەغمە شەكلىگە نىسبەتەن قويۇق قىزىقىش پەيدا بولدى.

  «ئىككى پارچە مىس تاختىدىنمۇ بۇنداق يېقىملىق ئاۋاز چىقارغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇستازىمنىڭ مول چىراي ئىپادىسى قوشۇلۇپ كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىكەن، ماڭا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى.» نائىلە مۇنداق دېدى: «ئۇستازىم ماڭا كۈەيبەن قوشىقىنى قىزىقارلىق ئىكەن، دەپلا ئۆگىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى جەزمەن ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش كېرەكلىكىنى، يەنە كېلىپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ئاندىن باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئىرادەمنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇستازىم ئاندىن ماڭا ئۆگىتىشكە ماقۇل بولدى».

  2016- يىلى، شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىدا بالىلار ئەلنەغمە تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغاندا، نائىلە ئۆگىنىشكە قاتناشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، نائىلە ئاز دېگەندە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم شياڭشېڭ بازىرىغا بېرىپ، كۈەيبەن قوشىقى ئېيتىشنى ئۆگەندى. كۈەيبەن قوشىقى ئېيتىشنى دەسلەپ ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، نائىلەنىڭ قول بارماقلىرى قىزىرىپ قاپىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قىلچە بوشاشماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قانداق قىلغاندا كۈەيبەننى ياخشى ئۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇردى.

  «ئۇستازىم ئادەتتە بەك مۇلايىم، بىزنى يېتەكلىگەندە بەك ئەستايىدىل، لېكىن ئۇ تەلەپنى قاتتىق قويغاندا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ.» نائىلەنىڭ قەلبىدە ئۇستازى ھەم مۇلايىم، ھەم ئەستايىدىل، ھەم سۈرلۈك كىشى ئىدى.

  «نائىلەنىڭ چىرايى يېقىملىق، ئاۋازى ياڭراق، سەھنە ئىپادىسى ياخشى.» شاگىرتىنى تىلغا ئالغاندا، مو شىڭۋېي بەكلا پەخىرلەندى.

  ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، نائىلەنىڭ كۈەيبەن قوشىقى ئېيتىش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى، كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتى، يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر قانىلىنىڭ «چوڭ قول كىچىك قولنى تۇتۇپ يېتىلەش» پىروگراممىسىدا ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى.

  2018- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى، نائىلە باشقا ئون نەچچە ھەمساۋاق قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مو شىڭۋېينى رەسمىي ئۇستاز تۇتتى. ئۇستاز تۇتۇش مۇراسىمىدا، نائىلە ئۇستازىغا ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان كىتاب ئۆيى بۇيۇمىنى سوۋغا قىلدى، ئۆزىمۇ ئۇستازى سوۋغا قىلغان سوۋغات − ئۆزىنىڭ ئىسمى بېسىلغان جۇبەن، يۈەنياڭبەن ۋە ئەلنەغمە تۈرىدىكى كىتاب، دىسكىلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «تيەنئەنمېن مەيدانى ھەيۋەتلىك شۇنچە، چاڭئەن كوچىسى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرار...» نائىلە سول قولىدا شياۋبەننى، ئوڭ قولىدا دابەننى ئوينىتىپ، راۋان ۋە ئېنىق تەلەپپۇزدا «تيەنئەنمېن مەيدانىدا بايراق چىقىرىشنى كۆرۈش» دېگەن كۈەيبەن قوشىقىنى ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ ئېيتتى. كۈەيبەن قوشىقى ئاياغلاشقاندا، مو شىڭۋېينىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا، نائىلە تىلىنى چىقىرىپ، تارتىنغان ھالدا: «يېقىندا بۇ بۆلەكنى مەشىق قىلمىغاچقا، سەل چېكىنىپ قاپتىمەن» دېدى.

  مەشىق قىلىپ ھېرىپ قالغاندا، نائىلە چاي شىرەسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇستازى بىلەن ئۆزىگە چاي دەملەيتتى.

  «مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ئەلنەغمە، ئەلنەغمە باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان سەنئەت، ئەلنەغمە ئۆگەنگەندىن كېيىن، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەم ۋە يېزىقچىلىق سەۋىيەم ئۆستى، كىتابتا يوق بەزى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم، سەھنە تەجرىبەم تېخىمۇ موللاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دوست تۇتتۇم، مىجەزىم تېخىمۇ ئوچۇقلاشتى. مەن كۈەيبەن قوشىقى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى نائىلە.

  كۈەيبەن قوشىقى ئۆگەنگەن مەزگىلدە، نائىلەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مو شىڭۋېي بىلەن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى، كۆپچىلىك دائىم بىللە پاراڭلىشىدىغان بولدى، بىللە تاماق يەيدىغان بولدى. نائىلەنىڭ ئاپىسى خۇرشىدە ياسىن مۇنداق دېدى: «نائىلە مو مۇئەللىمگە بەك ئامراق، ئۇ ئادەتتە دادىسىغا بەك ئەركىلەپ كەتمەيدۇ، لېكىن مو مۇئەللىمگە ئەركىلەيدۇ، ئاچچىقلايدۇ، ئۇلار خۇددى ئاتا - بالىدەك بىر - بىرىگە بەك ئامراق.» ئىككى ئائىلە كىشىلىرىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى.

  بىر قېتىم، خۇرشىدە مو مۇئەللىمگە مۇنداق دېدى: «ھەي، مو مۇئەللىم، بىز ھازىر تۇغقان بولۇپ قالدۇق، قاچان ئۆيىمىزگە كېلىپ تۇرۇپ كېتىسىز؟» مو مۇئەللىم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر پەقەت تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىدىلىمۇ؟ بىز دېگەن ھەقىقىي تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىدە! بالىنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە، سىلەر ئائىلە بويىچە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، يېگۈڭلار كەلسە يەڭلار، تۇرغۇڭلار كەلسە تۇرۇڭلار».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى