تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپى بويىچە ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇكاپات - ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىگە قارىتا ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇكاپات - ياردەم پۇلىنى يولغا قويغان.

  «مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2018- يىللىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى خامچوتى (2- تۈركۈم)نى چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ۋە «مالىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىگە قارىتا ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇكاپات - ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن بىرلىكتە «دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى (2 - تۈركۈم)نى تەقسىملەش لايىھەسى»نى تەييارلاپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش خاراكتېرى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولغان 46 كېپىللىك ئاپپاراتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، جەمئىي 59 مىليون 870 مىڭ يۈەن مۇكاپات - ياردەم پۇلى بەردى.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش ئىزچىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىراق كېپىللىك ـــ رەنىگە قويىدىغان مۈلكى كەمچىل، ئىناۋىتى كەمچىل بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قەرز پۇل بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا، قەرزى بار - يوقلۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم بىر ھالقا، ئۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  بۇ قېتىمقى مۇكاپات - ياردەم پۇلى مەبلىغىدە مەخسۇس كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەم ھەق ئېلىشى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇكاپات - ياردەم پۇلى سالمىقى ئاشۇرۇلدى، مەسىلەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك شىركىتى 5 مىليون 130 مىڭ يۈەن مۇكاپات - ياردەم پۇلى مەبلىغىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقلىما ياردەم پۇل مەبلىغى 3 مىليون 860 مىڭ يۈەن، مۇكاپات مەبلىغى 1 مىليون 270 مىڭ يۈەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭدا 19 مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا يېڭىدىن كۆپىيىپ، 170 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شىنجاڭدىكى 23 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سەككىز باغچە رايونى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى