تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ نىسقا يېتىپ كېلىپ، موناكوغا باردى

شى جىنپىڭ موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە نىس، 3- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر پەن جيې) 3- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ نىسقا يېتىپ باردى، ئارقىدىنلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ موناكوغا بېرىپ، موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان نىس ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن موناكو ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى تېللې، موناكو تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ۋەزىرى تونېللىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېدرىئانمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزىل پاياندازدا ماڭدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، نەزەر سالىمى بەردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە موناكودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەي جۈەنمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن موناكوغا باردى. موناكو سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە نىستا فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.