تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيە سىتسىلىيە چوڭ رايونىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىتالىيە پالېرمو، 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر خۇاڭيىن جيازى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 23- كۈنى پالېرمودا ئىتالىيە سىتسىلىيە چوڭ رايونىنىڭ رەئىسى مۇسۇمېچ بىلەن كۆرۈشتى. سىتسىلىيە چوڭ رايونى پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، ئۆلكە باشلىقى، پالېرمو شەھىرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سىتسىلىيەنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ھەمدە سىتسىلىيە رايونىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىتسىلىيەنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، بايلىق ۋە مەھسۇلاتلىرى مول، سىتسىلىيەنىڭ ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ قېتىم ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ سىتسىلىيەدىن چىقىدىغان گەنجۈنى جۇڭگوغا چىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، سىتسىلىيەنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى زورايتىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو سىتسىلىيە بىلەن سېلىنما، ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  مۇسۇمېچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىتسىلىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. سىتسىلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەنبەسى بار، سىتسىلىيە ئىلگىرى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. سىتسىلىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستى. ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مۇھىم ئارال بولۇش سۈپىتىدە، سىتسىلىيە ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە، جۇڭگو بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى بىر مۇھىم بېكەتكە ئايلىنىشنى خالايدۇ.

  پېڭ لىيۈەن، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ رىم سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، پالېرموغا زىيارەتكە كەلگەن. رىمدىن ئايرىلغاندا، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.