تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: پارنىكتا «كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش گۈللىرى» پورەكلەپ ئېچىلدى

  كۇچا ناھىيەسى ئىشخىلا بازىرىنىڭ قۇمئېرىق كەنتى ئاھالىسى ئەمەت مەخمۇتنىڭ پارنىكىغا كىرگىنىڭىزدە ھەممە يەر باھارغا پۈركەنگەن ئىللىق مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ: گۈلچىمەن، ئۈچ بۇرجەك مېيخۇا گۈلى، ئۈجمە يوپۇرماقلىق مودەنگۈل...... 20 نەچچە خىل سورتتىكى گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، بىر-بىرى بىلەن گۈزەللىك تالىشىپ، ئۆزگىچە يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغانىدى. پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ، ئەمەت مەخمۇتنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.

  كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. 2018-يىلى 10-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەمەتكە ياردەملىشىپ بوش يەرگە پارنىك سېلىپ بەردى، يەنە تېخنىك خادىملارنى گۈل مايسىلىرىنى كىرگۈزۈشكە، گۈل-گىياھ تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى. ھازىر، ئەمەتنىڭ گۈل پارنىكىدا 20 نەچچە خىل سورتتىكى جەمئىي 2000 تەشتەكتىن كۆپ گۈل بار.

  «ھازىر مەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە بازار كۈنلىرىدە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ بازارغا بارىمەن، ھەر كۈنى 600 نەچچە يۈەنلىك گۈل ساتالايمەن. ئادەتتە ئۆيۈمگە كېلىپ سېتىۋالىدىغانلارمۇ بار، كىرىمىم خېلى يامان ئەمەس» دېدى ئەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

  «كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، گۈل-گىياھقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، گۈل-گىياھ پارنىكى كەسپىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىدىكى <ئاساسلىق يول>غا ئايلاندۇرىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى زىلەيخان نىياز. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن يۈ جۈن تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇيەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى