قىش پەسلى سوغۇق بولغاچقا، بەزى ھايۋانلار ئۈچەككە كىرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى سوغۇق قىش پەسلىدىكى ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر خىل ماسلىشىشچان ياشاش تاكتىكىسى. ئۈچەككە كىرىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، سۈت ئەمگۈچىلەر، يەر بېغىرلىغۇچىلار، بېلىق تۈرلىرى، ئۇچار قاناتلار، قوش ماكانلىقلار، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئۈچەك مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپ قىسىم سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۈچەك مەزگىلى تۆت ئايدىن يەتتە ئايغىچە بولىدۇ، ئۇلار كەچكۈز مەزگىلىدە ئۈچەككە كىرىپ، كېلەر يىلى باش ئەتىيازدا ئويغىنىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقا چىقىپ ئوزۇق ئىزدىمەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۈچەك مەزگىلىدە ھايۋانلارنىڭ قورسىقى ئاچامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، ھايۋانلار ئۈچەككە كىرگەندە، بىر قىش يېمەكلىك يېمىسىمۇ قورسىقى ئاچمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۈچەككە كىرىشتىن بۇرۇن يېتەرلىك تەييارلىق قىلىۋالغان بولىدۇ. بەزى ھايۋانلار ئېنېرگىيەنى ياغ شەكلىدە ساقلىۋالىدۇ، ئۇلار ئۈچەككە كىرىشتىن بۇرۇن ئوزۇق ئىزدەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىپ، سەمرىۋالىدۇ. يەنە بەزى ھايۋانلار ئاشلىق ساقلاش شەكلىدە قىشتىن ئۆتىدۇ، مەسىلەن، ئامبار چاشقىنى كامىرىغا ئاشلىقلارنى ساقلىۋالىدۇ، ئۇلار ئۈچەك يېرىمىدا ئويغىنىپ ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ. ئۈچەك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۈچەككە كىرگەن بۇ ھايۋانلار بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بولۇشىغا ئوزۇقلىنىدۇ.
تەييارلىق خىزمىتىنى يېتەرلىك ئىشلەشتىن باشقا، ئۈچەك مەزگىلىدە ھايۋانلار ئۇۋىسىدا ھەرىكەت قىلمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زاپاس ساقلىۋالغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۈچەك مەزگىلىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ئۈچۈن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، نەپەسلىنىشنى تەڭشەپ، يۈرەك رىتىمى ۋە مېتابولىزم نىسبىتىنى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلايدۇ.
بۇ خىل قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتسىز ھالەت، ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق كەمچىل قىش پەسلىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلار ئۇخلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ئوبدان ماسلىشىدۇ.