تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

كورلا شەھىرى يەنە «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر» شەرىپىگە ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەنچياڭ): 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ 2018-يىللىق قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر (رايون)لەرنى باھالاپ، جايلار يوللىغان مەملىكەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى (يېزا-بازار) لىرىنى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، كورلا شەھىرى يەنە «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر» شەرىپىگە ئېرىشكەن، بۇ كورلا شەھىرىنىڭ يەتتىنچى قېتىم شەرەپلىك ھالدا بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

  بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئىشخانىسى مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەرلەرنى جانلىق باشقۇرۇپ، نام بېرىلگەندىن كېيىن ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرگەن، كورلا شەھىرى 1999-يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇدا 6 قېتىم قايتا تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر قىياپىتىنى ياخشىلاش، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، شەھەر ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»نى مەقسەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شەھەر ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، شەھەر ماركىسىنى نامايەن قىلىشتىكى ۋاستە ۋە يول قىلىپ، شەھەر ئوبرازىدا يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈلۈپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىدىمۇ يېڭى يۈكسىلىش بولغان.

  كورلا شەھەرلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەرلەر مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق كومىتېتى باھالاپ نام بەرگەن دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز مۇنەۋۋەر شەھەرلەر بولۇپ، شەھەر سەھىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ، شەھەر ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيە بازىرى، قاراشەھەر ناھىيە بازىرى، چەرچەن ناھىيە بازىرىمۇ «مەملىكەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى (يېزا-بازار)»ىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى