3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قورغاس شەھىرى مۇخۇر سەھىيە دوختۇرخانىسىدا، ئاھالىلەر B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيى سىرتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ساقلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ 2019-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش كەينى-كەينىدىن تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدا قانات يايدۇرۇلدى. 2016-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە شىنجاڭدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە جەمئىي 4 مىليارد 68 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 2018-يىلى، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتكەنلەرنىڭ سانى 17 مىليون 492 مىڭ 300 ئادەمگە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100 كە يېتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تولۇق قاپلاندى.