مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى، ئىختىيارى مۇخبىر سۈن جېڭسۇڭ فوتوسى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمىگۇ رايونى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىفاڭ تارماق رايونى ۋېنچۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋېنچۈەن مەھەللىسى ۋە تەۋەلىكىدىكى يەسلى بىلەن بىرلىشىپ، « دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، بىرلىكتە جۇڭگو ئارزۇسىنى سىزىپ چىقىش» تېمىسىدىكى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى نەچچە يۈز نەپەر ئاھالىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
پائالىيەتتە، «لىيەنپۇ نەزمىسى» ناملىق ناخشىغا ئەگىشىپ، بالىلار ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئىش تەقسىماتى قىلىپ، تەسەۋۋۇر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەڭلىك بوياق ئارقىلىق لىيەنپۇ «ئەسىرى» نى سىزىپ چىقتى.
بىر قاتار تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق، يەسلى ئوقۇغۇچىسى ليۇ جيامېي ئاپىسى جاڭ يەنجىڭ بىلەن كۆڭۈل قويۇپ سىزغان لىيەنپۇ ئەسىرى كۆپچىلىك ئالدىدا نامايان بولدى. ليۇ جيامېي لىيەنپۇنى سىزىپ بولۇپلا، تاقەتسىزلىك بىلەن يۈزىگە كىيىپ، باشقا كىچىك دوستلار بىلەن تەڭ بەھرىلەندى.
مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى «قىزىل چىراق»، « زالىم بەگنىڭ نازىنىن بىلەن ۋىدالىشىشى»، «مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىقى» قاتارلىق جىڭجۈ تىياتىرلىرىدىن ئارىيە ئورۇنلىدى، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.