3-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى ئۇلاستى بازىرىنىڭ توقۇل ئاغاش يېزىسىدىكى ساۋۇر ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ مەسئۇلى خىزمەتچى خادىملارنى قائىدە-يوسۇن بويىچە تەربىيەلىمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى): جېمىنەي ناھىيەسىدە ھازىر 90 دېھقانلار ئارامگاھى بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق 350 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس ۋە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ياشلار. شۇ جايدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن، يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يېڭى يول تەمىنلەندى.