3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر دۇڭبەيخۇ بازىرىدىكى قىچا گۈلى ئېتىزىدا تاماشا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى دۇڭبەيخۇ بازىرىدىكى قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. دۇڭبەيخۇ بازىرى 2010-يىلىدىن باشلاپ قىچا گۈلى مەنزىرىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىر پۈتۈن بازار بويىچە تېرىلغان قىچىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېقىنلاشتى، ھەر يىلى چېچەكلەش مەزگىلدە كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، شۇ جايدىكى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ ئالتۇن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.