تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100 كىلومېتىر تولىمۇ قىسقا، بىر كىلومېتىر تولىمۇ ئۇزۇن

ــــ ئازاتگۈلنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزۈپ ئىگىلىك تىكلەش يولى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خې جەنجۈن

  ئازاتگۈل ئابدۇللا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئۆزگىچە يولنى تاللىدى: يەرگە تايانمىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمىدى، زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىمىدى، بەلكى شۇ كەنتتىكى ھەمشىرىسى بىلەن بىرلىشىپ، «شەھەر ـــ يېزا - كەنت ــــ دېھقانلار ئائىلىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەسىگە باش قاتۇرۇپ، تېز يوللانما يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاپتى. يېرىم يىلدىن بۇيان، ئىككىيلەننىڭ سودىسى راۋاج تېپىپ، بارغانسېرى داڭقى چىقتى، باشقىلار ئۇلارنى «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ھەدىلەر» دەپ ئاتىدى.

  ئازاتگۈل تۇرىدىغان قاتچى كەنتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى. گەرچە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما توردىن مال سېتىۋېلىش بۇ يەردە ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

  ئەمما يۇرتداشلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغىنى ئەشيا ئوبوروتى كەمچىل بولغانلىقتىن، توردىن سېتىۋالغان تاۋارلار تەۋەككۇل يېزىسىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خوتەن شەھىرىگىلا يەتكۈزۈلەتتى، ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ۋاقىت كېتەتتى، يەنە تېخى 100 نەچچە يۈەن كىرا ھەققى كېتەتتى، تېز يوللانمىنى ئېلىش تەننەرخى دائىم بىر تاۋارنىڭ ھەققىدىنمۇ قىممەت توختايتتى.

  شۇنداق بولسىمۇ، كەنتتىكىلەر، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يەنىلا تۆۋەنلىمىگەنىدى.

  بۇ يىل 28 ياشلىق ئازاتگۈل ئابدۇللا ۋە 24 ياشلىق گۈلقىز ئىمىنتوختى بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى بايقىدى. ئىككىيلەن توردىن مال سېتىۋېلىش ماھىرلىرى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر كىيگەن نۇرغۇن كىيىم - كېچەك، ئۆيىدە ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن بۇيۇمنى توردىن سېتىۋالغان، لېكىن ھەر قېتىم زاكاز قىلىشتىن ئىلگىرى 100 كىلومېتىر كېلىدىغان يولنى ئويلىسا ئىككىلىنىپ قالاتتى.

  بۇ 100 كىلومېتىر ئارىلىقنى قىسقارتقىلى بولماسمۇ؟

  ئىككىيلەن باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ خەۋەر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قاتچى كەنتىگە 1- شۇجىلىققا ئەۋەتكەن مياۋ فېينىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۇغۇلغان بۇ نامراتلارنى يۆلەش كادىرىمۇ توردىن مال سېتىۋېلىشقا نىسبەتەن ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. كېيىن كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى دۇكان بىلەن تەمىنلەپ تېز يوللانما يەتكۈزۈش پونكىتى قۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ياردەملىشىپ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش، ئىككى قىز تىجارەتكە مەسئۇل بولۇش قارار قىلىندى.

  ئاندىن، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن خوتەن شەھىرىگە بېرىپ، جۇڭتۇڭ، يۈەنتۇڭ، بەيشى قاتارلىق تېز يوللانما شىركەتلىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى ئىزدەپ، ئەڭ ئاخىرقى 100 كىلومېتىرنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى قىز ئەشيا ئوبوروتىنى قىلالارمۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ ھەممىسى باش چايقىدى، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئىككىيلەننىڭ قەتئىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ئىككىيلەن كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلى ئىجارە ئېلىپ، خوتەن شەھىرىدىن تېز يوللانمىلارنى ئېلىپ كەلدى. «ھەر كۈنى 200چە تېز يوللانما بار.» ئازاتگۈل ئابدۇللا مۇنداق دېدى: يېزىمىزدىكى بىرقانچە كەنتنىڭ تېز يوللانمىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى كېلىپ ئېلىۋالىدۇ، ھەربىر تېز يوللانما ئۈچۈن نەچچە يۈەنلا ئالىمىز.

  «100 كىلومېتىر» قىيىن مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ئۇزاق ئۆتمەي ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن يەنە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى: بىر كىلومېتىر تولىمۇ قىسقا، ئەمما ئۇنى ئىگىلىمىگەندە، بۇ بىر كىلومېتىر ئۇزىراپ كېتىدۇ، كەسىپلەرنى باشقىلار ئاسانلا تارتىۋالىدۇ! شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزگىلى، ئائىلىلەرگىچە ئايرىپ تارقاتقىلى بولارمۇ؟

  ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆيىدىكى موتوسىكلىت بىلەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن يوللانمىلارنى ئىشىك ئالدىغىچە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە كۈتۈپ تۇرۇپلا قول قويۇپ ئېلىۋالىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كۆپچىلىك بۇ ئىشچان «كىچىك ھەرە»لەر ــــ «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئاچىلار»نىڭ ئالدىراش سىيماسىنى دائىم كۆرەلەيدىغان بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن يەنە كەنتتە تاللا بازار ئېچىپ ۋاكالىتەن سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىستېمال تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

  «100 كىلومېتىر» ۋە «بىر كىلومېتىر» پۇرسىتىنى تۇتقان ئازاتگۈل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئاچىلار» ئىشىنى قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتى. نامراتلارنى يۆلەش كادىرى مياۋ فېي مۇنداق دېدى: بۇ يەر قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ياشاش زېرىكىشلىك ئەمەس، چىن ھېسسىيات بىلەن سۇغارغاندىلا، مۇقەررەر ھالدا گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى