تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننى ھالقىپ ئۆتىدىغان بىرنەچچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت لياڭ يەننى خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى - كورلا(لوپنۇر) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(قىسقارتىلىپ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دېيىلىدۇ) قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، تىرىشىپ ئالدىنقى يېرىم يىلدا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ.» يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىنۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياسىلىۋاتقان ياكى پىلانلانغان بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تىيانشاننى ھالقىپ ئۆتىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قاتناش - تىرانسپورت يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  «جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولدىن ھازىر بەشى بار، بىراق كۆپ ساندىكىسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، يول ئەھۋالى بىرقەدەر ناچار، ئايلىنىپ ماڭىدۇ، بىرقەدەر يىراق.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ بەش تاشيول ئىچىدە، بىردىنبىر يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول G3012 لىنىيەسى، بىراق ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىش ئۈچۈن توقسۇننى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ؛ بىرى قومۇلدىن لوپنۇرغا كىرىپ لوپنۇر ئارقىلىق چاقىلىققا بارىدىغان يول بولۇپ، بۇ لىنىيەنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن، يەنە كېلىپ يول ئەھۋالى ناچار؛ بىرى دۆلەت يولى 216- لىنىيەسى بولۇپ، خوۋشيادىكى 1- نومۇرلۇق مۇزلۇق(غالىبىيەت داۋىنى)، بالغۇنتايدىن ئۆتۈپ كورلىغا تۇتىشىدۇ، يول ئەھۋالىمۇ بىرقەدەر ناچار بولۇپ، پەقەت پەسىل خاراكتېرلىك قاتناشقىلا بولىدۇ؛ بىرى ئۆلكە يولى 103- لىنىيەسىنى ئايلىنىپ ئۆلكە يولى 301- لىنىيەسىگە تۇتاشقاندىن كېيىن ئۇلاستاي، بالغۇنتاي ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىدۇ، بىراق پۈتۈن مۇساپىنى ئايلىنىپ يۈرۈش ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق، يول ئەھۋالىمۇ ياخشى ئەمەس؛ يەنە بىرى كۆپچىلىككە تونۇش بولغان مايتاغ - كۇچا تاشيولى بولۇپ، بىراق تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھەر يىلى 6- ئايدىن 11- ئايغىچە پۈتۈن لىنىيەدە قاتناشقا بولىدۇ، قالغان ۋاقىتتا ئاساسەن ئېتىك ھالەتتە بولۇپ، قاتناش راۋان ئەمەس.

  ئاپتونوم رايون ئىزچىل جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يول قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قاتناش - تىرانسپورت تۈرىگە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ كىرگۈزۈش بويىچە تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مايتاغ - نارات، نارات - كۇچا قاتارلىق تاشيول تۈرلىرىنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە مايتاغ - نارات، نارات - كۇچا تاشيول تۈرىدە ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت قانات يايدۇرۇلدى، تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئۇدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغىلى بولىدۇ.

  بۇ يىل ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىمۇ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، بۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى بىر تېز سۈرئەتلىك يول بولۇپ قالىدۇ. «ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغا بېرىشتىكى قاتناش مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، G3012 لىنىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئايلىنىپ يۈرۈش قىسقىراپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئاز دېگەندىمۇ 1.5 سائەت تېجىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى.

  ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن سىرت، بۇ يىل يەنە ئىلى دۆڭمازار − نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، ئىلى نارات − بالغۇنتاي تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، غۇلجىدىن بالغۇنتايغا بېرىشتا G0711 لىنىيەسىدە مېڭىشقا بولىدۇ، بۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  «بىرنەچچە تاشيول تۈرى پۈتكەندە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تىيانشاننى ھالقىپ ئۆتىدىغان قاتناش يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى مۇقەررەر زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، شىنجاڭ رايون ئىچىدە ماسلىشىپ راۋانلاشتۇرۇش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ قاتنىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى