تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لېي

  «چۈەنيې، يېقىندىن بۇيان تىجارىتىڭىز قانداقراق؟ خىزمەت قىلغاندا چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. ئۆينى سېغىنسىڭىز كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ...»

  «تۇتۇق دادا، ھەممىمىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، ئالدىراشلىق تۈگىگەندە، سىز ۋە تۇتۇق ئاپامنى يوقلاپ بارىمىز».

  3- ئاينىڭ 12- كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گاۋ چۈەنيې تۇتۇق دادىسى سىدىق يارى بىلەن تېلېفوندا ئۆزئارا ئەھۋاللاشتى، بوۋاينىڭ غەمخورلۇقىدىن ئۇ چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

  ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، گاۋ چۈەنيېنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتخانىسى دۇكىنىنىڭ سودىسى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى ئىدى. گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم سىدىق ئەر - خوتۇن بىلەن تېلېفونلىشىش گاۋ چۈەنيېنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى. «تۇتۇق دادام، تۇتۇق ئاپام بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن مېنىڭ شىنجاڭدا ماكانىم بار بولدى، ئۇلار ماڭا بىر ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلدى» دېدى گاۋ چۈەنيې.

  1998- يىلى 10- ئايدا، گاۋ چۈەنيې گەنسۇنىڭ جاڭيېدىن قومۇلغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كېلىپ، بوغاز يېزىسىدا چوڭ تىپتىكى تىراكتور بىلەن يەر ھەيدىدى. گاۋ چۈەنيېنىڭ شەھەر رايونىدا ئىجارە ئولتۇرغان ئۆيى بوغاز يېزىسىغا 30 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى، ئەگەر ھەر كۈنى ئىككى ئارىلىقتا قاترىسا كىرا ھەققىگە كۆپ پۇل كېتەتتى. پۇل تېجەش ئۈچۈن، گاۋ چۈەنيې تىراكتور كابىنكىسىدا غىزالاندى، يېتىپ - قوپتى.

  بىر كۈنى كەچقۇرۇن، گاۋ چۈەنيې ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىسى سىدىق ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «يىگىت، مەن سىزنى كۆزىتىۋاتقىلى بىر نەچچە كۈن بولدى، تىراكتوردا ئۇخلىسىڭىز قانداق بولىدۇ، ھاۋا كۈندىن - كۈنگە سوۋۇۋاتىدۇ، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭ.» سىدىقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گاۋ چۈەنيېنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.

  ئىسسىق تاماق، يېپيېڭى يوتقان - كۆرپە، پاكىز يۇيۇلغان كىيىملەر، سىدىق ئائىلىسىدىكىلەر گاۋ چۈەنيېنى ئەزىز مېھماننى كۈتكەندەك قىزغىن كۈتۈۋالدى. گاۋ چۈەنيېنىڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، سىدىقنىڭ خوتۇنى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تاماق تەييارلىدى، چۈشتە تاماقنى يەنە ئېتىز بېشىغا ئاپىرىپ بەردى. كەچتە، گاۋ چۈەنيې ھەر قانچە كەچ ئىشتىن چۈشسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ كەلگىچە ساقلاپ بىللە غىزالاندى. «سىز بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرۇڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز، سىز خۇددى ئوغلۇمغا ئوخشايسىز» دېدى سىدىق گاۋ چۈەنيېگە. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىمقى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، گاۋ چۈەنيې سىدىقنىڭ ئۆيىدە تۇردى، ئۇمۇ ئۆينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، ھەم بۇ ياشانغان ئىككىيلەننى تۇتۇق دادا، تۇتۇق ئاپا قىلىۋالدى.

  2003- يىلى، قولى ئازراق پۇل كۆرگەن گاۋ چۈەنيې بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتخانىسى ئېچىشنى قارار قىلدى، سىدىق ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بىر دۇكان تېپىپ بەردى. كىنىشكا بېجىرىش، تازىلىق قىلىش، سايمان سېتىۋېلىش... سىدىقنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، گاۋ چۈەنيېنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. گاۋ چۈەنيېنىڭ رېمونتخانا ئېچىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىدىق 3000 يۈەن پۇلنى گاۋ چۈەنيېنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، «بالىسى بىرەر ئىش تەۋرىتىمەن دېسە، ئاتا - ئانا بولغان كىشى قوللىمايدىغان ئىش نەدە بار».

  ياخشى ئىناۋەت ۋە پىشقان تېخنىكىسىغا تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گاۋ چۈەنيېنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتخانىسى شۇ جايدا خېلى نام چىقاردى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارا - بارا ياخشىلاندى. سىدىق بىر ئائىلە كىشىلىرى ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ئۇ ھەمىشە ئېھتىياجىدىن چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، گاۋ چۈەنيېمۇ نەۋرىلىك بولدى، لېكىن سىدىق بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  «تۇتۇق دادام، تۇتۇق ئاپام بىر ئائىلە كىشىلىرى مېنىڭ مەڭگۈلۈك قېرىندىشىم، مەن بۇ دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى گاۋ چۈەنيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى