تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۆپ تارماق بىرلىشىپ «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نى كاپالەتلەندۈردى

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

كۆپ تارماق بىرلىشىپ «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نى كاپالەتلەندۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۈيبيەن، پىراكتىكانت جاڭ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: كارخانىلار ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلسا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى... 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى (شەھەرلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشخانىسى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون (تۇدۇڭخابا رايون)لۇق پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، باج ئىدارىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، كۆپ تارماقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى، 300گە يېقىن ئادەم سىغىدىغان زالدا بوش ئورۇن قالمىغانىدى.

  شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى تۈر بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى دېڭ خەيشيۇ يان تېلېفون بىلەن سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن، تېزدىن دەپتىرىگە خاتىرىلىۋالدى. «ناھايىتى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىكەن، نۇرغۇن سىياسەتنى ئىلگىرى تەخمىنەن بىلەتتىم، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت تەتقىق قىلىپ باقماپتىكەنمەن، مەسىلەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن كارخانىلار ئەگەر ياخشى پايدىلانسا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە كارخانىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.» دېڭ خەيشيۇ مۇنداق دېدى: سىياسەت يېڭى ئىكەن، مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى، كونكرېت مەشغۇلات قەدەم - باسقۇچلىرى بار، يەنە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇلۇپتۇ، مۇلازىمەت ناھايىتى كونكرېت بولۇپ، كارخانىلار ناھايىتى نەپكە ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  2016- يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېتەكچى كەسىپلەر ۋە باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش خاس سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت - تەدبىرنى يولغا قويۇش پىكرى»، شەھەر دەرىجىلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى، يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسى، سۇپا قۇرۇلۇشىنى قاپلىغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى يېتىلدۈرۈش ۋاسىتىسىدىن 186نى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرگۈچتىن 19ى بولۇپ، بۇنىڭ يەتتىسى دۆلەت دەرىجىلىك؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىدىن 33ى بولۇپ، بۇنىڭ 15ى دۆلەت دەرىجىلىك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار يانداش يۆلەش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى قاتارلىقلارنى بالدۇرراق سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى