تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش] ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئاشپەزلىك ھۈنىرى بويىچە مۇسابىقىلەشتى، ئىتتىپاقلىق تېمىسىدا پاراڭلاشتى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  خەۋىرى(مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا) داپەنجى، نومى كومىلىچى، قېتىقتا ياسالغان سالات، سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر......3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى دۇڭلۇ تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نەنيۈەن مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇسابىقىنى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ نەنيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يۈزگە يېقىن پارتىيەۋىلىك كادىر ۋە ئامما تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە تاماق ئەتتى ۋە تەڭ بەھرىلەندى، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى. پائالىيەت مەيدانىدا ئاھالىلەر ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئۆزلىرى ئەڭ ئۇستا قورۇمىدىن 56 خىلنى قورۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلىدى. 

    «ئاكام بىلەن قورىغان بۇ قورۇما چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، قاراپ تۇرۇڭلار، پۇرىقىنى پۇرىسىمۇ يېگۈسى كېلىدۇ، يېسە تېخىمۇ مەززىلىك» دېدى 44 ياشلىق مۇتەللىپ كېرەم بىر تاۋاق قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

    مۇتەللىپنىڭ «ئاكا»سى نەنيۈەن مەھەللىسىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خې جيەنفېڭ ئىدى. تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، خې جيەنفېڭنىڭ ياردىمىدە، مۇتەللىپنىڭ بالىسىنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولدى، ئۇ يەنە مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتچىسى بولدى.

    مەھەللىدە پائالىيەت بولسىلا، مۇتەللىپ بىرىنچى بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش تۇغقىنىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ئىكەن. ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مۇتەللىپ بىلەن خې جيەنفېڭ 56 پارچە كالا گۆشىدىن پايدىلىنىپ، بۇ قىزارتىپ پۇشۇرۇلغان كالا گۆشىنى تەييارلىغان.

    پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىك بىر- بىرىنىڭ تاماقلىرىنى تېتىپ، خۇشاللىقلىرىنى ئېيتىشىپ، كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى.

    خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خې جيەنفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە، ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى، قوشنىلار بايرىمى، گۈل-گىياھ مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئاھالىلەرگە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىش سۇپىسى يارىتىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ  مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى