تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل تۇرمۇشنى «يۆتكەپ» كەلدى

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ شىڭرۈي، جاڭ جىلى، خې لىڭ

  بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ؛ مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، رايون ھالقىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا ماھارەت ئۆگەتتى، كىرىمىنى ئاشۇردى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش، قوناق شېخىدىن پۇل تېپىش

  3- ئاينىڭ 12- كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە بارىدىغان يولدا، لىق سۈپۈرگە بېسىلغان تىراكتور ۋە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت توختىماي قاتناپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى ئەمەت مۇسا مۇنداق دېدى: بۇ سۈپۈرگىلەرنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى بوغقان، شۇ جايدىكى بازاردا سېتىلغاندىن سىرت يەنە خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سېتىلىدۇ.

  ئەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغا «قول ھۈنەر -سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار ئائىلىۋى سېخى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغانىدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا، «سېخ»تا سۈپۈرگە بوغۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى 14 مو يەرگە قوناق تېرىغان، سۈپۈرگە بوغىدىغان قوناق شېخى ئېتىزىدىلا تەييار، بىر تال سۈپۈرگىنى ئون نەچچە يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشىكى ئالدىدىلا پۇل تېپىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاياغمەنگەن كەنتى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سېخى ياكى ئۆز ئۆيىنى جانلىق تاللاپ سۈپۈرگە بوغسا بولىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش ساتىدۇ. «كىچىككىنە سۈپۈرگە كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمىگىنى بىلەن، پۈتۈن كەنتتىكى 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى». ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى داۋۇتجان ئابدۇرېيىم مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنت ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرالايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئېشىپلا قالماي، زور مىقداردىكى قوناق شېخىغا بولغان ئېھتىياج يەنە يېقىن ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ قوناق تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، يەنە بەزى دېھقانلار قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى توقۇشنى سىناق قىلىپ، ئادەتتىكى قوناق شېخىنى ھەرخىل بۇيۇمغا ئايلاندۇرۇپ ساتتى.

  «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى». ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يىشيۇ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن كەنتتە «بىر ئائىلىدە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئىشقا ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كىيىم - كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى كارخانا، سودا ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل كەنت يەنە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بازىسى، گۈل - گىياھ ۋە كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىدىن چىقمايلا ئىش قىلالايدىغان، پۇل تاپالايدىغان قىلماقچى.

  ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەش، پۇل تېپىش ھەم نەزەر دائىرىسى كېڭىيىش

  «سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە، گەرچە ئۆيدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن مائاشىمىز يۇقىرى، خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىمىز ئۆيدە بىر يىل قوي بېقىپ تاپقان پۇلىمىزدىنمۇ كۆپ» دېدى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاش يېزىسى سومتاش كەنتىدىكى راھەتبېك گۇچىر.

  يېقىندا، راھەتبېك جياڭسۇ ۋۇشىدىن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى، ئاتا - ئانىسى بىلەن جەم بولۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئۇ بۇ يىللىق ئىشلەمچىلىك قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى: «ئاتا - ئانام ياشىنىپ قالدى، مەن بۇ يىل ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا ئىشلىمەكچى، پۇل تېپىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قولايلىق».

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، راھەتبېك ئۇدا كۆپ يىل ناھىيەدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە، 2010- يىلى تۇنجى قېتىم گۇاڭدۇڭدىكى بىر يان تېلېفون قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، ئايلىق مائاشى ئاران 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، كېيىنگە بارغانسېرى كىرىمىمۇ كۆپىيىپ بارغان. بۇلتۇر ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە، ناھىيەدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئەترىتىگە ئەگىشىپ جياڭسۇ ۋۇشىدىكى بىر توكسىكلىت زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىدى. «يازدا ئۈنۈم ياخشى بولغان چاغلاردا، ئىككىمىز ئايدا 9000- 8000 يۈەن پۇل تاپالىدۇق، قىش پەسلىدىمۇ ئايدا 7000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالىدۇق».

  سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تايىنىپ، راھەتبېك ئاللىبۇرۇنلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، شۇنداقلا كۆپ يىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، قارىشى ئۆزگىرىپ، پۈتۈن ئەس - يادى بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئويلايدىغان بولدى.

  2018- يىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 2018- يىلى جەمئىي 6964 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، 1321 كىشىنى شىنجاڭ سىرتىدا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 1039 كىشىنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 4604 كىشىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  زاۋۇتقا كىرىپ خىزمەت قىلىش، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىش

  بۇ يىل 3- ئايدا، 21 ياشلىق ئىلياس مەمەتنىڭ شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا توپتوغرا ئىككى يىل بولدى. ئۇنىڭ ئالغان ئەڭ چوڭ تەسىراتى شۇكى، بىر كىشىلىك مۇقىم خىزمەت ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

  ئىلياس كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلاتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال چاغلىرىدا ئانچە - مۇنچە كۈنلۈك ئىشلەيتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇ سېختا بىر پېچ ئىشچىسى بولدى. گەرچە سەل جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئىلياس ناھايىتى ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ: ھەر ئايدا 6000 يۈەن تاپالايمەن، بۇ، ئۆيۈمدە يەر تېرىپ قىلغان يېرىم يىللىق كىرىمىمگە باراۋەر كېلىدۇ.

  بىللە كەلگەن يۇرتداش ھەمراھلىرىغا ئوخشاشلا، ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۇ ھەر ئايدا مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆيىگە ئەۋەتىدۇ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ئائىلەمنىمۇ ئۆزگەرتتى». ئىلياس مۇنداق دېدى: مۇقىم كىرىمدىن سىرت، ئۆزۈمنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىممۇ تەدرىجىي ئۆسۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئىككى قولۇمغا تايىنىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىممۇ بارغانسېرى مەسىلە بولماي قالىدۇ.

       «ھازىر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 250كە يېقىن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ھەرقايسى سېخلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ». شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتى كادىرلار ئىشلىرى - كارخانا باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جوۋ لىلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شىركەت قوشماقلىشىش، ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشلەۋاتقان خادىملارغا سىجىل ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى، ھەم ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، ھەم ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بەردى. ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ تىل ئالاقە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاز بولمىغان ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى