تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

      پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى.

      مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مائارىپ خىزمىتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

      ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ جان تومۇرى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرس. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قولدا چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ، مائارىپ ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

      پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ئالدى بىلەن ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى باش مۇھىم مەسىلە. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ تۈپ مەسىلىدە، جەزمەن بايراق روشەن بولۇش، قىلچە مۈجمەل بولماسلىق كېرەك. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپنى بەرپا قىلغان ئىكەنمىز، مەردانىلىك بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىگەن، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، مەكتەپنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشى، توغرا ئىدىيە ئارقىلىق ئادەمنى يېتەكلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.

      پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، مەكتەپ پارتكوملىرىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، جەزمەن ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە جايلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ۋەزىيىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، قوللاش كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر؛ پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ماس ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئەستايىدىل ياخشى سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئاكتىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش زۆرۈر. مەكتەپ پارتكوملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئىلمىي ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن دەرسخانىغا كىرىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى زۆرۈر؛ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىگە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر ئاساس قىلىنغان، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىدىكىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، سانى يېتەرلىك، ساپاسى يۇقىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇش زۆرۈر. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، يەنە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ دەرسلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك دەرسلەر بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

      ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، يىلتىزىدىن تەربىيەلەپ روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرساقلا، بىز چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى