بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتىدا سۈرەتكە تارتىلغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ «شادلىق بېغى» دىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىسى
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ئايشەمگۈل ئابلا): شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالاتاۋ تاغلىق رايونىدا، توپ-توپ سەپ تارتقان تاغ ئۆچكىسى، ئارقار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار يىل بويى كۆڭۈللۈك ئوينايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، چارۋىچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان تاغ ئۆچكىسىنىڭ تۈر توپى سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ھەتتا دائىم دېگۈدەك سەپ تۈزۈپ تىيانشان تېغى ئېتەكلىرىدە پەيدا بولدى.