تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرسە ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تېز چېكىنىپ كېتەمدۇ؟ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى قارىمىقىدىكى «ئىلىم- پەن دوكلاتى» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتتا، ئالىملار ئەنگلىيەدىكى 3662 ياشانغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئارىسىدا، ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 3.5 سائەتتىن كۆپ بولۇش تىل ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقات ئۆمىكى ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 3.5 سائەتتىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى، ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 3.5 سائەتكە يەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تىل ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى %4-%5 تۆۋەنلىگەن؛ لېكىن كۈندە تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 3.5 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ تىل ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى %8-%10 تۆۋەنلىگەن. بۇ خىل باغلىنىش ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى كۆپ قىسىم تەتقىقاتلار تېلېۋىزور كۆرۈشنى ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ بىر خىل ئامىلى قىلىۋالغان.
تەتقىقات خادىملىرى مۇنداق دېدى: تېلېۋىزور كۆرۈش بىر خىل ئادەمنى سەگەك، ئەمما پاسسىپ قىلىپ قويىدىغان پائالىيەت، بۇ، بىلىش بېسىمى پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.