مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/03/23 14:42
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ماڭگو ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقان پىشقان گۈيفېي ماڭگوسىنى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھازىر خەينەن سەنيانىڭ ماڭگو ئۈزۈپ بازارغا سېلىش بېسىق مەزگىلى بولۇپ، ماڭگو ئۆستۈرۈش بازىسى ئىچىدە مول ھوسۇل مەنزىرىسى ئەكس ئەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنيا شەھىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئەۋزەل ئۆسۈش مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، سەنيا ماڭگوسى ۋەكىللىكىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ خاس يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇردى. 2018-يىلى شەھەر بويىچە ماڭگو ئۆستۈرۈش كۆلىمى 380 مىڭ موغا يېقىنلاشتى، مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 650 مىڭ توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنت ئاھالىلىرى گۈيفېي ماڭگوسىنى تاللىماقتا.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ماڭگو ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقان گۈيفېي ماڭگوسىنى يەشىككە قاچىلىماقتا.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنت ئاھالىسى گۈيفېي ماڭگوسىغا خالتا كىيگۈزمەكتە.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ماڭگو ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقان پىشقان گۈيفېي ماڭگوسىنى ئۈزمەكتە.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ياجوۋ رايونىدىكى فۇفەن ماڭگو ئۆستۈرۈش بازىسى.