تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۈ مىڭفەن) 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى نەچچە كۈنىدە، ئۈرۈمچىدە داۋاملىق ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا داۋاملىق قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «بۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى نەچچە كۈنى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۈرۈمچى داۋاملىق ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىغان ياخشى ھاۋا رايىنى ساقلايدۇ، تېمپېراتۇرامۇ داۋاملىق ئۆرلەپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقىرى ℃ 10ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەندى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.