بىر يىگىت تەكلەرنىڭ توپىسىنى قايرىماقتا.
مۇخبىرىمىز شى فېڭسېن خەۋىرى، باش مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى: توپىنى سېيرىپ، ئۈزۈم تاللىرى يېپىلغان رەختلەرنى ئېلىۋېتىش بىلەن تەڭ، بىر قىش «ئۇيقۇدا ياتقان» ئۈزۈم تاللىرى قايتىدىن قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار باراڭلارغا ئارتىلىپ، چىگىلەر بىلەن باغلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۈزۈمچى دېھقانلار ئادەتتە بۇ جەرياننى «تەك ئېچىش» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ ئۈزۈم پەرۋىش قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم بىر ھالقا ھېسابلىنىدۇ.
3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى چۇۋانقىر كەنتىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن «ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى»نىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەك ئاچتى.