تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فىڭنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، 3-ئاينىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىگەن، بۇ يىل 1-پەسىلدە مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە، «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» نىڭ يۈرۈشلەشكەن قانۇن-قائىدىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى