تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دۇنيا ئۇيقۇ كۈنىدە، مۇتەخەسسىسلەر ياخشى ئۇخلاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى ‏ئۆگەتتى

  پائالىيەت نەق مەيدانى

  مۇخبىرىمىز ئالىيە ئالىم خەۋىرى: كۈندۈزى خىزمەت - تۇرمۇشتا روھسىز يۈرۈش، كېچىسى كۆزنى چىڭ يۇمسىمۇ، خىياللىرى «جانلىنىپ»، توختىماي ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ تەستە ئۇخلاش، خورەك تارتىۋېتىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، دائىم يامان چۈش كۆرۈش، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ... بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ساغلام ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، مېڭىنى ئىلمىي ئاسراش» تېمىسىدىكى دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى چوڭ تىپتىكى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇيقۇ مېدىتسىناسى مەركىزى مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ھەقسىز كېسەل كۆردى، جەمئىي 80دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى پائالىيەتكە قاتناشتى. ئالدى بىلەن، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ، ئۇيقۇ مېدىتسىناسى مەركىزى 2-كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى لى لىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلەپ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش پىرىنسىپى بىلەن ئۇخلاش مۇھىتى تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچى خاراكتېرلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن، دوختۇرلار مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەنلەر بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ھەقسىز كېسەل كۆرۈپ مەسلىھەت بەردى.

  بۇ قېتىملىق مەسلىھەت بېرىش، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە، يەنە ئۇيقۇ ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىلىپ، ئۇيقۇ ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقات قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  2001-يىلى، خەلقئارا روھىي ساغلاملىق ۋە نېرۋا ئىلمى فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك پىلانى بىر تۈرلۈك دۇنياۋىي پائالىيەت قوزغىدى، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كىشىلەرگە ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ۋە كىشىلەرنى ئۇيقۇ سۈپىتىگە دىققەت قىلدۇرۇش ئىدى. 2003-يىلى جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتى «دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى»نى رەسمىي جۇڭگوغا كىرگۈزدى. ساغلام ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، مېڭىنى ئىلمىي ئاسراش ـــ 2019-يىللىق دۇنيا ئۇيقۇ كۈنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى