تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاچام ياردەم قولىنى سۇندى

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاتىكەم (ئوڭدا) ئۈرۈمچى شەھەرلىك 34-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىدە، دۈەن شۆمېي (سولدا) بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن): ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەشتىدە، «ئائىلە ئىناق بولسا، ئىش روناق تاپىدۇ» دېگەن 5 خەت گۈللەرگە پۈركەنگەن ئىدى. بۇ، 46 ياشلىق ئاتىكەم ئاچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەشتىلىگەن ئەسەر. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاتىكەم:«ئاچام <شىپالىق يامغۇر> دەك، ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ياردەمسىز قالغان ۋاقتىمدا ياردەم قولىنى سۇندى. ئاچا-سىڭىل ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ كەشتىلىگەن ئەسەر، دەل بىزنىڭ ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ كارتىنىسى.» دېدى.

  ئاتىكەم مۇنداق دېدى: نەچچە يىل ئىلگىرى بىز بىر ئائىلىلىك خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇق. يولدىشىم كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كېسەلچان بولساممۇ ئۆزۈم يالغۇز ئىككى قىزىمنى باقتىم، نۇرغۇن خىزمەت تاپقان بولساممۇ، نەچچە كۈن ئىشلىمەيلا يىقىلىپ چۈشتۈم. ئانا-بالا ئۈچىمىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈردۇق.

  4 يىل ئىلگىرى، ئاتىكەمنىڭ چوڭ قىزى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 34-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ تولۇقسىز 1-يىللىقتا ئوقۇدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 34-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۈەن شۆمېي سىنىپ مەسئۇلىدىن ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى. دۈەن شۆمېي ئاتىكەمگە:«بالا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ناھايىتى ئىش ئۇقىدۇ» دېدى. دۈەن شۆمېي تەشەببۇسكار ھالدا ئۇلار بىلەن تۇغقانلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاتىكەم بىلەن ئاچا-سىڭىل بولدى.

  «بىر قانچە قېتىم يانچۇقۇمدا نەچچە ئون يۈەنلا قالغاندا، يانچۇقۇمنى تۇتۇپ غەمگە پاتاتتىم.» دېدى ئاتىكەم، ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا، «ياخشى ئاچا»سى دۈەن شۆمېي گۈرۈچ، ئۇن، مايلارنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قەلبىنى ئىللىتتى. ئىككىسى دائىم بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلىشاتتى، تاماق ئېتىشەتتى، بالىنىڭ دەرىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى...... دۈەن شۆمېي يەنە دائىم گېزىتكە بېسىلغان ياخشى سىياسەتلەرنى ئاتىكەمگە ئوقۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن ئايال ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېسىل نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلەندى.

ئاچا-سىڭىل ئىككىسى ھەمكارلىشىپ كەشتىلىگەن كەشتە__«ئائىلە ئىناق بولسا، ئىش روناق تاپىدۇ»

  ئاچىسى دۈەن شۆمېينىڭ كەسپتە قابىلىيەتلىك، قىزغىن، تۇرمۇشتا قۇياش نۇرىدەك ئاكتىپ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئاتىكەممۇ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئاچىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن تازىلىق ئىشچىسى بولدى. ئۇ دۈەن شۆمېيگە «مەنمۇ سىزدەك ئادەم بولۇپ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياشايمەن.» دېدى.

  يېقىندا، ئاتىكەم ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، سول پۇتى سۇنۇپ كەتتى، دۈەن شۆمېي دوختۇرخانىغا كېلىپ، پايپېتەك بولۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئاتىكەم دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، دۈەن شۆمېي يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدە 5 كۈن تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  «ئاچام دەل مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقىنىم!» دېدى ئاتىكەم. ئادەتتە قىشتا قار ياغقاندىن كېيىن، دۈەن شۆمېي دائىم ئۇنىڭ تېنىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا قار تازىلىشىپ بەردى. ئاتىكەممۇ دائىم ئاچىسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ، ھەر قېتىم بايرامدا ساڭزا، پىرەنىك پىشۇرۇپ ئاچىسىغا ئاپىرىپ بەردى.

  يېقىنقى يېرىم يىلدا، ئاچا-سىڭىل ئىككىسى بوش ۋاقتى بولسىلا كەشتە كەشتىلىدى، بۇ ئىككى مېتىرلىق كەشتە بۇيۇمىنىڭ ھەر بىر يىپ-يىڭنىسىگە ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن. «ئۇرۇق-تۇغقانلار بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئىناق ئاچا-سىڭىللاردىن بۇلۇشتۇق، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە، ئايرىلالمايمىز.» دېدى دۈەن شۆمېي.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى