3-ئاينىڭ 21-كۈنى، چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ھېس قىلىش سارىيىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تەڭپۇڭ لىمدا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنى سىنىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇلۇش مەيدانلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىدى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى تۈركۈمگە ئايرىپ شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ھېس قىلىش سارىيىدا سىناق ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئېڭى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.