تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃10قا چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

  باش مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن خەۋىرى: دۈشەنبىدىن باشلاپ «ئاسمىنى كۆك ئۈرۈمچى» دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە ھاۋا داۋاملىق تۈردە ئوچۇق بولىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى داۋاملىشىدىكەن.

  ئۆتكەن يېرىم ئايدا، ئۈرۈمچىدە ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلى، مەيلى تېمپېراتۇرا ئۆرلىسۇن ياكى تۆۋەنلىسۇن، كىشىلەر ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلالمىدى. كىشىلەر تەقەززا بولغان قۇياش بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى ئاسمنىدا پارلىدى. كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش پارلاپ، كىشىلەر تۇمان تارىغاندىن كېيىنكى راھەت ھاۋادا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك ئۆزگىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەمەلىيەتتە پەقەت ℃1.9 بولغان، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تېمپېراتۇرا بىز ئاز ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3.9قا چىققان. ئەمما، كىشىلەر بۇ خىل «ئۇششاق قەدەم» شەكلىدە ئۆرلىگەن تېمپېراتۇرىغا ئانچە بەك دىققەت قىلمىدى، چۈنكى قىزىق نۇقتا ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈنمىگەن ئوچۇق ھاۋادا قالغانىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى يوق بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىزچىل ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ تەكشى ئۆرلەپ، ھەپتە ئاخىرىغا بارغاندا ℃10 ئەتراپىغا يۇقىرىلايدىكەن. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشتى، ئۈرۈمچى يىللاردىن بۇيان 3-ئاينىڭ 21-كۈنى باش باھارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا ئەھۋالى ئىزچىل مۇشۇنداق بولسا، بۇ يىلقى باش باھارنىڭ «قەدىمى» مۇشۇ بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىگە يېتىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن سىرت، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا شىمالىي شىنجاڭدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شەرقتىن سۈرۈلۈشى تەسىرىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزگىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋاملىق تۈردە چاڭ-توزانلىق ھاۋرايى كۆرۈلىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدە 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونىدا يەتتە بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى