تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  شەيئىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ۋاقىت توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ، ۋەزىيەت يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشتا جەزمەن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.» مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گۈلنى يىلتىزىدىن سۇغىرىش، ئادەمنى قەلبتىن تەربىيەلەش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئادەمگە خىزمەت ئىشلەيدىغان خىزمەت، ئەمەلىيەتتە گۇماننى تۈگىتىپ تۈگۈننى يېشىش جەريانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتا كۈچنى قەيەرگە سەرپ قىلىش، كىمگە كۆڭۈل بېرىش، قانداق كۆڭۈل قويۇش، قانداق ئادەم بولۇشنى بىلىشى كېرەكلىكىگە ياردەم بېرىدۇ. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشتا، جەزمەن ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەگەر كونا، ۋاقتى ئۆتكەن بىر يۈرۈش ئۇسۇلغا ئېسىلىۋېلىپ، يېقىنلىقى ۋە قاراتمىلىقى كەمچىل بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تەرەققىيات تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ - دە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. پەقەت ياخشى ئۇسۇللاردىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، كونا ئۇسۇللارنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قاراتمىلىقنى، دەۋر تۇيغۇسىنى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئۈن - تىنسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھايات ئىلھامى، ئەقىل - پاراسەت نۇرى، مەنىۋى كۈچ بېرەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشتا، «سەككىز بىرلىك»نى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىيۋىلىك بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قىممەت خاراكتېرى بىلەن بىلىم خاراكتېرىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىجابىيلىك بىلەن تەنقىدىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەۋىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بىردەكلىك بىلەن خىلمۇخىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يېتەكچىلىك بىلەن سۇبيېكتلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، سىڭدۈرۈشچانلىق بىلەن قوزغىتىشچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاشكارا تەربىيە بىلەن يوشۇرۇن تەربىيەنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ «سەككىز بىرلىك» ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن بىر قاتار قانۇنىيەتلىك تونۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم پىرىنسىپ. بۇ «سەككىز بىرلىك» ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

  ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشتا، باشتىن - ئاخىر «سەككىز بىرلىك»نى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ «سەككىز بىرلىك»نىڭ ھەربىرىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پەقەت ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل - ئۇسۇلدا يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى يېقىنلىققا، جەلپكارلىققا، تەسىرچانلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان، ياخشى كۆرىدىغان قىلغىلى، چەكسىز نەپكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سىياسىيۋىلىك بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب بېرىپ، مۇكەممەل ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ھەقىقەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي ئۆگىنىدىغان، ھەقىقىي ئىشىنىدىغان، ئۆگىنىشنى خالايدىغان، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن: نەزەرىيەۋىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە كىچىك دەرسخانىسىنى جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيەلىگەن، يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي نەزەرىيەنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئۆز كاللىسىنى قوراللاندۇرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن: سىڭدۈرۈشچانلىق بىلەن قوزغىتىشچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قوزغىتىش خاراكتېرلىك تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلىلەرنى بايقاشقا، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن يەكۈن چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن باھار شامىلىدەك ئىللىتىپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  «ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش دۆلەتنىڭ ئاساسى.» ياش - ئۆسمۈرلۈك باسقۇچى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى» بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش ۋە پەرۋىش قىلىشقا ئەڭ موھتاج. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىگە ئاڭلىق سىڭدۈرىدىكەنمىز، بىز چوقۇم سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى