تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تور كۈچلۈك دۆلىتىگە تۇتىشىدىغان مۇساپىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش

ــــ مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ جۈنجيې، بەي يىڭ

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇرى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2018- يىلى 3- ئايدا، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلىپ، تور ئۇچۇرى ساھەسىدىكى مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلىندى.

  بۇلتۇر 4- ئايدا، مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۇچۇر ساھەسىدىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تور ئۇچۇرى ساھەسىدە ئارمىيە - خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىنى خەلقئارا ئىدارە قىلىش مۇساپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى تور ئۇچۇرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدىن تارتىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش سۇپىسى، كۆچمە چىقىم قىلىش ئەمەلىي پروگراممىسىغىچە؛ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلايدىغان، تۇتاشتۇرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت سىستېمىسىدىن زور كۈچ بىلەن تەتقىق قىلىنىۋاتقان 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر تېخنىكىسىغىچە... مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تور ئۇچۇرى ئىشلىرى تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچىيىپ، تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، يەر شارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى سىجىل تەقدىم قىلىندى.

  مەزمۇن قۇرۇلۇشىدا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىلدى، تور بوشلۇقى كۈنسېرى سۈزۈكلەشتى

  2019- يىلى 1- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر تونۇش» «تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش» «تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىچكىرىلەپ، چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش قاتتىق داۋلى، ھازىر يەنە بىر جۈملىنى قوشۇش كېرەك، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش ھەقىقىي قابىلىيەت».

  ئۆتكەن بىر يىلدا، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇردى. توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھەم توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم ئىدىيە، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تەشۋىقاتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ توردىكى تەشۋىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدىكى يېڭىلىقلىرىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزدى». توردىكى مۇھىم، زور باش تېمىلىق تەشۋىقاتتا قالتىس، يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازى تور بوشلۇقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ساداغا ئايلاندى. تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇن تېز سۈرئەتتە ئالاقە تورى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا كىرىپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى يەنىمۇ ئۆستى.

  بىر يىلدىن بۇيان، قانۇن بويىچە تور باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تور ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى سىجىل ساپلاشتۇرۇلدى، تور ئېكولوگىيەسى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، توردىكى ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ ئۈنلۈك ياڭرىتىلدى.

  چولپانلار توغرىسىدىكى ئۆسەك خەۋەرلەر، شەخسىي سىرلىرىنى كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى پىتنە - ئىغۋالارنى بىرلىشىپ تۈزەش، ئۆز تاراتقۇ سۇپىلىرىنى سۆھبەتكە چاقىرىش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان تور دىكتورلىرىنى سۇپا ھالقىغان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش... 2018- يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى ماسلىشىپ كۈچەپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ھەم تور سىن سۇپىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا بىر يۈرۈش «قاتتىق بىرىكمە مۇشت» ئاتتى.

  2018- يىلى 11- ئايدا، «ئاممىۋى پىكىر خاسلىقى ياكى ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمەت بىخەتەرلىكىنى باھالاش بەلگىلىمىسى» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، ئاممىۋى پىكىر خاسلىقى ياكى ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى، يېتەكچىلىك قىلىندى، توردىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى، تەرتىپنىڭ مۇقىملىقى قوغدالدى، پىتنە - ئىغۋا ۋە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  2018- يىلى 12- ئايدا، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە «پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى.

  2019- يىلى 1- ئايدا، رايون - بۆلەك زەنجىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايون - بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون - بۆلەك زەنجىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايون - بۆلەك زەنجىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە «رايون - بۆلەك زەنجىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى.

  بىر قاتار سىياسەتلەر تىغ ئۇچىنى تور بوشلۇقىدىكى ناچار ئەھۋاللار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاراتتى.

  پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى چۆرىدەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تور ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈردى. 2018- يىلىدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار توردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشقا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە «تورنى ساپلاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش تېمىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، توردىكى ئىجتىمائي تەشكىلاتلارنىڭ «مەركەزداش چەمبەر» قۇرۇلۇشى ھەرقايسى جايلاردا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تور ساھەسىنىڭ تەلەپچان بولۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  2019- يىلىنىڭ بېشىدا، بىر تۈركۈم ئۆگىنىش تىپىدىكى APP كارخانىلىرى ئورتاق ھالدا ساھە تەلەپچانلىقى تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ساغلام، قىممىتى بار «ئالاقە تورى+ مائارىپ» ساھەسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى كۈچەيتىپ، شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، تور ئويۇنى، سودا ئېلانى ھەم ئوقۇش - ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى توسىدى.

  «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» «ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى ئاممىۋى سۇپا نومۇرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، قانۇن بويىچە تورنى ئىدارە قىلىش، تور قۇرۇش، تور ئىشلىتىشنى تۈپ ئاساس بىلەن تەمىنلەشتىن «تورنى ساپلاشتۇرۇش» «تورنى تازىلاش» «مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش» «ئۆسمۈرلەرنى قوغداش» قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس تۈزەش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، توردىكى پىتنە - ئىغۋا، توردىكى شەھۋانىيلىق قاتارلىق توردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىشقىچە؛ يەنە «مەملىكەتلىك تور سەمىمىيەت تەشۋىقات كۈنى» «جۇڭگو ياخشى تور ئەھلى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر تۈركۈم پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشىغىچە، پۇقرالارنىڭ تور ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  ئۇچۇر تېخنىكىسى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تور ئۇچۇرى ئىشلىرى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

  «چىراي تونۇتۇش» ئارقىلىق قونىدىغان ئائىلىۋى ياتاق، قول پۇلاڭلاتسىلا توختايدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، ئۆيدىلا داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنگىلى بولىدىغان ئاقىل داۋالاش، ھەميان ئالمايلا پۈتۈن بازارنى ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىغان كۆچمە چىقىم قىلىش... ئۇدا بەش نۆۋەت دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋۇجېن بازىرى ھەم ئاق تام، قارا كاھىشلىق ئۆيلەر بار، كېمە پالىقىنىڭ سۇغا ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مىڭ يىللىق سۇ يۇرتى، ھەم ھەممىلا يېرىدە ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئامىللىرى چاقناپ تۇرىدۇ.

  يان تېلېفون بىلەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش بىلەنلا، ھەمبەھر ۋېلىسىپىتنىڭ قۇلۇپى شاراققىدە ئېچىلىدۇ؛ بىر جۈملە ئاۋازلىق بۇيرۇق بىلەنلا، چىراغ نۇرلىرى سىز ئۈچۈن ئائىلە ئىللىقلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، دېرىزە پەردىلىرىمۇ ئاستا - ئاستا يېپىلىدۇ؛ ئويغانسىڭىزلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئاللىقاچان سىزنىڭ بىر كېچىلىك ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنى يان تېلېفونىڭىزغا «دوكلات» قىلىپ بولىدۇ... نەرسە تورى تېخنىكىسىنى قوللىنىش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئۈن - تىنسىز كىرىپ كەلدى.

  5G تېخنىكىسى ئاساسىدا، دوختۇرلار ئېكران ئارقىلىق ئەمەلىي ۋاقىتتا، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلەيدۇ ھەم يىراقتىن سېزىش، يىراقتىن كونترول قىلىش، يىراقتىن ئۆلچەش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق بىۋاسىتە شىندىيەنتۇ ۋە B چاۋ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ.

  «دوختۇرخانىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇشنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا يۆتكىگەنگە باراۋەر بولغان شۇ پەيتتە، كەلگۈسىدە يىراق مۇساپىلىك ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاشنى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى لى چياڭ.

  يېڭى دەۋر يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈردى، يېڭى مۇساپە يېڭى بۇرچنى چاقىردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلۇت ھېسابلاش، سانائەت ئالاقە تورى كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، چوڭ تىپتىكى ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرى ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئېنېرگىيە ئاتا قىلىپ، ساھە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى شەكىللەندۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 43- قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ تۈرلۈك 5G تېخنىكىسى لايىھەسى خەلقئارا يادرولۇق قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە كىرىپ، سۈرئەت، سۈپەتنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛ 2018- يىلى 11- ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 144 مىڭدىن ئېشىپ، يەر شارىۋى ئىلتىماس قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %43.4ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن يەر شارىدا باش ئورۇندا تۇرغان. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىستېمالچى، رەقەملىك كەسىپ ئېكولوگىيەسى، رەقەملىك ئاممىۋى مۇلازىمەت، رەقەملىك پەن تەتقىقات قاتارلىق بەش جەھەتتىن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋىيەسى، قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق دۆلىتىمىز يەر شارىۋى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  بىر يىلدىن بۇيان، تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇلدى ۋە تۈگىتىلدى. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون - بۆلەكلەر زەنجىرىنى ئاساس قىلغان بىر تۈركۈم تور بىخەتەرلىكى تېخنىكىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى، تور بىخەتەرلىكى كەسپىنىڭ كۆلىمىدە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى، تور بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى.

  بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار، تۈركۈم - تۈركۈم نەتىجىلەر دۆلىتىمىزنىڭ تور ئۇچۇرى پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

  خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى مايىللاشتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇلدى

  يىل بويى توردىن مال سېتىۋالىدىغان خاڭجوۋلۇق ئاق ياقىلىق چېن سۇ بۇ يىل ناھايىتى روشەن بىر ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى: «ئىلگىرى بەزى تور سۇپىلىرىدا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا، ھەمىشە سەللا دىققەت قىلمىسا، قوشۇمچە سېتىلىدىغان مېھمانساراي ئېتىبار بېلىتى، تاكسىغا ئولتۇرۇش ئېتىبار بېلىتى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتمەستىن سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەچكە، كىشىگە بىر باش ئاغرىقى بولاتتى. بۇ بىرقانچە كۈندە مەن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا بۇ ئەسكەرتمەستىن سېتىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايقىدىم، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ».

  «سۇ قوشۇن»نى سېتىۋېلىپ توختىماي ياخشى باھالارنى يازدۇرۇش، ئۆزمەيلىچە باھا سۆزلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئاستىرتىن قوشۇپ سېتىش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ «دائىملىق خېرىدارنى بوزەك قىلىش»... بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇچۇرلارنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تور بازىرى تەرتىپىنى يەنىمۇ بەرپا قىلدى، بۇنى «كېسەلگە قاراپ بېرىلگەن ياخشى دورا» دېيىشكە بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تور ئۇچۇرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  چىراينى تونۇش، مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرى، VR توردا تەربىيەلەش، ئۇچقۇچىسىز ئۇچۇش بۆلۈمچىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىكتور... رەقەملىك تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى تۇرمۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

  دەرس ۋاقتىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئاق دوسكىنىڭ ئورنىغا سېزىمچان ئېكران ئالمىشىش، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى «چېكىپ تاللاش شەكلى» ئارقىلىق قويۇش... بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى بېيچېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ شۇچىن شۇ جاينىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى. «ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى نۇرغۇن يېزا - كەنت مەكتەپلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى».

  بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئۇچۇرلاشقان ئەمەلىي پىروگراممىلارنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى يېقىن بولغان ئىشلاردا قوللىنىلىشىنى سىجىل كېڭەيتىپ ۋە ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

  «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىلىرىغا تايىنىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى توپلىشىپ يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، كۆپ دەرىجىلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «سانلىق مەلۇماتنى كۆپرەك قاترىتىش» ئارقىلىق «ئاممىنى ئاز قاترىتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تىن «كۆرۈشمەي تۇرۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»قىچە، «يۆشېڭشى <گۇاڭدۇڭ تەتقىق قىلغان، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى>»دىن يەنە «سېكۇنت ئىچىدە تەستىقلاش»قىچە، مەمۇرىي ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى.

  2018- يىلى 6- ئايدا، مەركەز تور ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «2018- يىللىق تور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى ئېلان قىلىپ، تور بىلەن قاپلاش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، تور ئارقىلىق ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقى قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  سەنشى ئۆلكىسى شىشيەن ناھىيەسىدىكى باغۋەن ۋاڭ پىڭ ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، 2017- يىلى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ نامرات ئاھالە دېگەن «قالپاق»نى چۆرۈپ تاشلىدى، 2018- يىلى توردا مېۋە سېتىپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، 2018- يىلى سەنشى ئۆلكىسىدىكى نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 274 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىرگە ئايلاندى.

  سىچۈەن ئۆلكىسى مېيشەن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ كەي بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىدا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى بېجىرگەندە، ھەر ئايدا پەقەت 58 يۈەن تاپشۇرسىلا، سۆزلىشىش مىنۇت سانى ۋە ئېقىم مىقدارىدىن سىرت، يەنە كەڭ بەلباغلىق تور ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا سۆزلىشىشنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  تور بىلەن قاپلاش بارغانسېرى ياخشىلاندى، تور سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، ھەق بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بوغچىسى بارغانسېرى ئەرزانلاشتى، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا چەت ئەللەردە سەييارە سۆزلىشىش بېسىمى قالمىدى... 2018- يىلى، يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى سەييارە سۆزلىشىش ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك سۈرئەتنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى پۇقرالارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  1997- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى تور ئابۇنىچىلىرى سانى 620 مىڭدىن ئېشىپ 829 مىليونغا يەتتى، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %0.03تىن %59.6كە ئۆستى. توردا پارچە سېتىش سودا سوممىسى كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە، دۆلىتىمىز يەنە يەر شارىۋى بويىچە ئەڭ زور كۆلەمدىكى Ipv6 سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تور قۇرۇشنى پىلانلاپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرقايسى ساھەلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ قوللىنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىي ئىشلىرى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، توردا تەربىيەلەش، ھەمبەھرە ئىقتىساد، ئاقىل سەپەرگە چىقىش، كۆچمە چىقىم قىلىش، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇپ داۋالاش... ئالاقە تورى يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى كەسىپ ھالىتى بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالاقە تورى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تور ئۇچۇرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى خەلققە بارغانسېرى بەخت ياراتماقتا.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.