تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] داۋلەتالى بوۋاينىڭ نەزەرىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىل

  تىيانشان تورى خەۋىرى: مېنىڭ ئىسمىم داۋلەتالى ئابۇلقازى، قازاق، كىشىلىك ھاياتىمنىڭ 77 باھار ۋە كۈزىنى ئۆتكۈزۈپ، يىللار ئىككى چېكەمنى ئاقارتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىم بارغانسېرى گۈللەپ ياشنىدى، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.

  شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ

  1960-يىلى، 21 ياشقا كىرگەن مەن كۈنەس ناھىيەسى قىزىلنۇر گۇڭشې (ھازىرقى ئارالتۆبە بازىرى) سىنىڭ ئىتتىپاق شۇجىسىلىق خىزمىتىنى قىلىپ، گۇڭشې ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم، ھەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا، مەن ئات مىنىپ، يوتقان-كۆرپىنى ئارتىپ گۇڭشېدىن ناھىيەگە باراتتىم، يىغىن ئېچىپ بولۇپ يوتقان-كۆرپەمنى ئېلىپ ناھىيەدىكى كوللېكتىپ ياتاقتا قۇنۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئۆيگە قاراپ ماڭاتتىم.

  بىر قېتىم ئايالىم بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىم ئېسىمدە، مەن ئايالىم بىلەن ئات مىنىپ بىر كۈن مېڭىپ، مىڭ تەستە كۈنەس ناھىيەسىگە كەلدۇق، دوستۇمنىڭ ئۆيىدە نەچچە سائەت ئارام ئېلىپ، تاڭ سۈزۈلۈشىگە يەنە يولغا چىقىپ، ئۈچىنچى كۈنى كېچە سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا ئاندىن 5-رايون (ھازىرقى قارابۇرا بازىرى) غا كەلدۇق.

  ئۇ ۋاقىتلاردا تاماق، رەختنىڭ ھەممىسىنى بېلەتكە ئالاتتۇق، كۆپچىلىك كىيىملىرىنى ئىنتايىن تېجەشلىك بىلەن كىيىپ قوي باقاتتى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، زاغرا نان بىلەن قايناقسۇ بىزنىڭ يېمەكلىكىمىز بولۇپ، ئەگەر گۇڭشې بىر قوي ئۆلتۈرسە، پۈتۈن كەنتتىكىلەر بىللە يەيتتى.

  توي قىلغاندىن كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر گەمەدە تۇردۇق، گەمە دېگىنىمىز تۈز يەردىن كولانغان چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 1 مېتىردەك كېلىدىغان ئورەك، ئۆگزىگە بىر قەۋەت قومۇش سېلىنىپ، قومۇشنىڭ ئۈستىگە لاي يىيىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل يېرىمى يەر ئۈستىدە، يېرىمى يەر ئاستىدىكى گەمە پۈتىدۇ، شارائىتى ياخشىراقلار كېسەك ئۆي سالالايدۇ، لېكىن كۆپ سانلىق كىشىلەر بىزگە ئوخشاش گەمىدە تۇرىدۇ، مەن ئايالىم بىلەن قوي يۇڭىنى ئەدىيال قىلىپ، ئۈچ تاشنى تىكلەپ قازان ئېسىپ سۇ قاينىتىپ ئىچەتتۇق، شۇنداق قىلىپ، توك، يول، تېخى تۇرۇبا سۈيىمۇ يوق گەمىدە ئاچچىق ۋە ئازابلىق ئەسلىمىلەر قالدى.

  ئىرادىلىك كىشىلەر ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ تەسىرسىزمۇ ئۆزلۈكىدىن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ

  1965-يىلى، مەن كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ياشلار ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭغا بېرىپ ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىلىرى يىغىنىغا قاتناشتىم، ئۇ قېتىملىق سەپەر ھاياتىمدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. مەن ئاۋۋال بەش كۈن دۇڭفېڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم، يەنە 4 كۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا باردىم، ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشۇم، ئالدىراشلىققا تولغان ۋوگزال سۇپىسىدا نەچچە تال ياغاچ ستولبا تىكىلگەن بولۇپ، ستولبىدىكى لامپۇچكا ئىللىق نۇر چاچاتتى، چىراغ يورۇقىدا، ئىككى تال رېلىس يىراقلارغا سوزۇلغان ئىدى. ۋوگزال سۇپىسىدا پويىزغا چىقىشنى ساقلاپ تۇرغانلار ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ تۇراتتى، بەزىلەر پۇتىنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ، بوينىنى سوزۇپ قارىسا، بەزىلەر ۋوگزال سۇپىسىنىڭ چېتىگە بېرىپ، پويىز كېلىدىغان تەرەپكە قارايتتى، مەن ئالدىغا قاراپ، ئىنتىزار بولۇپ، ساقلىغاچ، كۆڭلۈمدە ھەم قىزىقتىم ھەم جىددىيلەشتىم.

  بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، مەن ۋە ۋەكىللەر ئورنىمىزدىن تۇرۇشۇپ كەتتۇق. ئاھ! ئەسلىدە بۇ دەل بىز كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغان تيەنئەنمېن ئىكەندە! ئىلگىرى گېزىت، رەسىملىك ژۇرناللاردىلا كۆرگەن، ھازىر بىز بىلەن شۇنچە يېقىن، شۇنچە ئېنىق كۆرۈنىدۇ!

  ھازىر، مەن دائىم « ھايات مۇساپىمىزدە 200 يىل ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، دولقۇن يېرىپ ئۈچ مىڭ چاقىرىم ئىلگىرىلەش» دېگەننى ئەسلەپ قالىمەن، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ بىز ياشلارنى ۋەتەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرگىنى، شۇنداقلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشايلى» دەپ چاقىرىق قىلغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

  بېيجىڭدا، بىز شىسەنلىڭ، سەددىچىن سېپىلى، يىخېيۈەن باغچىسى...... نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، بىز يول بويى شەرقتىن قىزىل قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ نۇرىنى زېمىنغا چاچقانلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ شۇنداق جۇشقۇنلۇقىنى كۆرۈپ ماڭدۇق. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا قانداقمۇ يېڭى جۇڭگو بولسۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى قانلىق ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن. ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بايراقنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشماي قانداق تۇرالايمەن!

  بىر ئېرىق سۇ غەربتىن كېلىپ، بىپايان سۈزۈك ئاسماندا ھەسەن-ھۈسەن شەكىللەندى، ئۇزۇن تاغلار ياپيېشىل پەردىدەك تولغىنىپ ياتتى

  1975-يىلى، مەن «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» دا شىنجاڭ 1-يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان كومبايىننى كۆردۈم، شۇنىڭدىن كېيىن، قۇلاق تۈۋۈمدە ئاتلارنىڭ كىشنىگەن، ھارۋا چاقىنىڭ غىچىرلىغان، ئات تۇيىقىنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدىن باشقا، يەنە كومبايىننىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى بار بولدى.

  ياخشى سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۆكسۆك ئوتۇنى، چىغلار بىلەن قاپلانغان چۆللۈكتە تاشيول ئورمان بەلبېغى، ئۆستەڭ ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى پىلانلىدۇق. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يەنە «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سۇنى ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرۇپ كەلدى، بىز بەس-بەس بىلەن ماشىنىلاشقان قۇدۇق قازدۇق، سۇ مۇنارى ياسىدۇق، تۇرۇبا ئورناتتۇق، ياغا چېلەكنى كۆتۈرۈپ دەريادىن سۇ ئالىدىغان، ئۆستەڭ سۈيى ئىچىپ، قار سۈيى قاينىتىدىغان كۈنلەر ئاستا-ئاستا يىراقلاشتى.

  ھازىر، ھەممە ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىلدىر-شىلدىر سۇلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۆكتاتلىقىغا، قەلبىگە ئېقىپ كىردى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا مەسلىھەت سوراشسا، بوش ۋاقىتلاردا، كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ چاقچاقلىشىپ، نەغمە قىلىشىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك چاقىرىققا ھەقىقىي ئاۋاز قوشتى.

  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، تېخى تاڭ ئاتمايلا، مەن ۋە بىر كەنتلىك ھەمراھلىرىم ئات مىنىپ يېزىدىكى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيتتۇق، 15 كىلومېتىر ئارىلىققا ئىككى سائەتتە ئاران يېتىپ بارغىلى بولاتتى، چۈشتە ئۆيگە قايتالماي، ئازراق تارى (قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى بولۇپ، تېرىقنى پىششىقلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن) يەپ قورساق تويغۇزاتتۇق. ھازىر نەۋرە قىزىم زەردە ئازادە، يورۇق سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدۇ، بۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش ئىدى.

  شىنجاڭ ئىچىدىكى قاتناش قۇرۇلۇشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، 1983-يىلىدىكى باش كۈز ئىكەنلىكى ئېسىمدە، ئالتۇندەك سېرىق دەرەخ يوپۇرماقلىرى بارا-بارا يەرلەرنى قاپلىدى، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا بىر خەۋەر ناھايىتى تېز تارقالدى، تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى تۇتاشتۇرۇلدى! جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە يېرىمغا يېقىن قىسقىرىدى! بۇ بىر قەھرىمانلار يولى، بۇ يولنى ياساش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر 10 يىل پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلدى.

  مەن 1958-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، 1959-يىلى پارتىيەگە كىردىم، 41 يىل خىزمەت ئورنۇمدا، بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم! كىملا كېلىپ سورىسا، مېنىڭ بىرلا ئېغىز گېپىم بار: كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى! كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا نەدىمۇ يېڭى جۇڭگو بولسۇن، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا نەدىمۇ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇش بولسۇن!

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى