تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

  3- ئاينىڭ 20- كۈنى، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ياپونىيە توكيودا 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى نۇسخىسىنىڭ ئىلھامى يىڭخۇا گۈلىدىن كەلگەن، رەڭگى «يىڭخۇا گۈلى ئالتۇن رەڭگى»دە، مەشئەلنىڭ ئۈستى قىسمى گۈل بەرگى شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئولىمپىك ئوتى مەشئەلنىڭ بەش دانە «گۈل بەرگى» ۋە مەركىزىدىكى «گۈل چېڭى»دىن تۇتاشتۇرۇلغان. مەشئەلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 71 سانتىمېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.2 كىلوگىرام كېلىدۇ. مەشئەلنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى ئاليۇمىن  بولۇپ، يېڭى غول لىنىيە ياسىمىچىلىقىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاليۇمىن پرېسلاش ھۈنەر- سەنئىتى قوللىنىلغان.

بۇ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ 3- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا تارتىۋېلىنغان سۈرىتى.

 توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ھالىتى(توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن).

 توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ھالىتى(توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن).

بۇ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى نۇسخىسى ئىنچىكە ھالقىلىرىنىڭ 3- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا تارتىۋېلىنغان سۈرىتى.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى